جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەرلىكتىكى تۆت نازارەت دەرىجىلىك كادىر پارىخورلۇق قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىلغانلىقتىن تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئايرىم-ئايرىم قولغا ئېلىش تەستىقلانغان. يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جياڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ نازارەت دەرىجىلىك سابىق شۇجىسى چېن ۋېيمىننى پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى، دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.
يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جياڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەت دەرىجىلىك سابىق رەئىسى خې ۋېيلىننى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى، دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.
يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خۇبېي ئۆلكىلىك گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ نازارەت دەرىجىلىك سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى گۈەن خەنمېڭنى پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى، دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.
يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن توقۇمىچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن نازارەت دەرىجىلىك سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ چىڭفۇنى پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقتىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. دېلونى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved