ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتىنىڭ تەپتىشى مارىلىن موسبىي 1-ماي ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ياش فىرىد گىراينىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇش دېلوسىغا چېتىشلىق بالتىمور شەھىرىنىڭ ئالتە ساقچىسى ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى.
موسبىي شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: گىراينىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇش دېلوسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى تەپتىش تارمىقى گىراينىڭ زەخمىلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بېكىتتى، شۇڭا بىز بۇ دېلوغا چېتىشلىق ئالتە ساقچى ئۈستىدىن 2-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، قانۇنسىز قاماش قاتارلىق نۇرغۇن جىنايى ئىشلار جىنايىتى بىلەن شىكايەت قىلىشنى قارار قىلدۇق ھەم قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىمزا قويۇپ تارقاتتۇق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved