خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە خەلق سارىيى خەۋەر تارقىتىش زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭ يىغىن قارالمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە ئالماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 3200 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر ئىككى يىغىن زىيارىتىگە تىزىملاتقان. تىزىملاتقان مۇخبىرلار ئىچىدە، چېگرا ئىچىدىكى مۇخبىر 1900 دىن كۆپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك مۇخبىرلار 360 دىن كۆپ، چەت ئەللىك مۇخبىرلار 1000 دىن كۆپ بولۇپ، چەت ئەللىك مۇخبىرلار ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىرئاز كۆپەيگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved