شىنخۇا تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ھەربىي خىراجىتى %7.6 ئېشىپ، 954 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىدىكەن، بۇ يىل ھەربىي خىراجەتنىڭ ئېشىش چاستۇتىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان بىر يىل بولۇپ قالىدىكەن. ئۆتكەن يىلى جۇڭگونىڭ ھەربىي خراجىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان.
بۇ يىل قىزىل رەقەم %3 ئەتراپىدا كونترول قىلىنىپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنىڭ كۆلىمى 2 تېرلىيون 180 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىقلىدىن 560 مىليارد يۈەن كۆپىيىدىكەن.
جۇڭگودا بۇ يىل 100 مىليون ئىش ئورنى بەرپا قىلىنىپ، نىشاندىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.5 تىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىنىدىكەن. CPI نىڭ ئېشىش چاستۇتىسى %3 لىك سەۋىيەنى ساقلايدىكەن. 2016- يىلى كەڭ مەنىدىكى پۇل قالدۇقى %13 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %6.5 بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved