شىنخۇا تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
يەمەن بىخەتەرلىك تارمىنىڭ ئەمەلدارى 4- مارت سالاھىىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ شۇ كۈنى يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 17 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بۇ ئەمەلدار مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر توپ ئۇنسۇر ئەدەن شەھىرىنىڭ شەيخ ئوسمان كوچىسى رايونىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئامانلىق قوغىغۇچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ساناتورىيە بىناسىغا قارىتىپ تەلۋىلەرگە قالايمىقان ئوق چىقاردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەدە ساناتورىيەدىكى ھىندىستانلىق تۆت سېستىرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 ئادەم قازا قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved