پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن ئايفوننىڭ ئۇقۇم لايىھەسى ئاشكارىلاندى

  سېزىمچان ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ باشلامچىسى بولغان ئالما شىركىتى ئايفونغا تايىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم پايدىسىغا ئىگە بولۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، جوبس ۋاپات بولغاندىن كىيىن، شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپى ئۈزلۈكسىز تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن، ئالما شىركىتىمۇ يېڭىلىق يارىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. گەرچە iPhone 6s نىڭ لايىھەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم ئابونت ئايفوندىمۇ ئەمەلىي كۇنۇپكا تاختىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندىن بۇيان، يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئۇقۇم لايىھەسى كەينى-كەينىدىن ئاشكارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن ئايفوننىڭ لايىھەسى ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلغان.


  يىقىندا، چەتئەلدىكى مەلۇم بىر لايىھەلەش گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى يېڭى ئايفوننى لايىھەلەپ چىققان، گەرچە ئومۇمىي تۇرقى ھازىرقى iPhone 6s تۈرىدىكى يانفونلاردىن ئانچە پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قارا بۆلجۈرگەن يانفونىدىكىگە ئوخشاش پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ تەرىپى ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ، قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى يېقىندا سىيرىلما شەكىلدىكى پۈتۈن كۇنۇپكىلىق ئاندىرويىد يانفونى Priv نى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، بۇ خىل لايىھەنى تېخنىكا جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىن ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان.

  ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت لايىھە ئۇستىلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ئايفون، ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونىغا بۇ خىل لايىھەنى قوللىنىشى ناتايىن. بىر تەرەپتىن، ئالما شىركىتىنىڭ نەزەرىدە، كۇنۇپكا تاختىسى دېگەن ئاللىقاچان تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن بىر ئۇقۇم بولۇپ، قوللىنىشقا ئەرزىمەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئابونتلار كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن ئايفوننىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئالما شىركىتى يەنىلا بۇ مەسىلىنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلالمايدۇ، بۇندىن بۇرۇن كۆپلىگەن كارخانىلار قارا بۆلجۈرگەننىڭ كۇنۇپكا تاختا لايىھەسىنى كۆچۈرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.

  بىراق، تىم كۇك باشلامچىلىقىدىكى ئالما شىركىتى جوبس دەۋرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ، ھازىر ئايفونغا ھەر قانداق بىر خىل لايىھەنىڭ قوللىنىلىشى تامامەن مۇمكىن، شۇنداقلا ئاشۇرىۋېتىلگەن دەپمۇ قارالمايدۇ. بۇندىن ئىلگىرى، ئالما iOS سىستېمىسىغا WebOS دىكىگە ئوخشاش كارتۇچكا شەكىللىك كۆپ ۋەزىپە مەشغۇلات ئۇسۇلىنى كىرگۈزگەن، يېڭى نەشىردىكى iOS سسىتېمىسى يەنە ئاندىرويىدتىكى بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە قوبۇل قىلغان. ئەلۋەتتە، بازارنى يېتەكچى قىلىشنىڭ خاتا يېرى يوق، مەھسۇلات ئىشلىتىشكە ياخشى بولسىلا بولدى، ئەگەر كۇنۇپكا تاختىسى سەپلەنگەن ئايفون مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىنى تېخىمۇ ياخشىلىيالىسا، ئۇنداقتا ئالما شىركىتىمۇ بۇ نۇقتىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek