مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەل رايى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-مارت سائەت 15 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىلىپ، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇئاۋىن رەئىس چېن شياۋگۇاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يۈ جېڭشېڭ: (5) ئەل رايى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ روھىنى ئاڭلىق ھالدا سىياسىي كېڭەشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچى قىلدۇق. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كارخانىلار، مەھەللىلەر، مەكتەپلەر، دېھقانچىلق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئىبادەتخانىلارغا بېرىپ ھال سوراش، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتلەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق. مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىچۈەن-شىزاڭ يولى قۇرۇلۇشى، قاپلىق قۇرۇت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ داۋالاش-دورىگەرلىك ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەل رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق. دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، «دىن ئىشلىرى نىزامى» نى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە دىنىي ئۆي-جاي سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىنىي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا چارە-تەدبىر كۆرسەتتۇق.



خەتكۈچلەر:
05-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: bagdax تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-03-2016
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 17-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: بەيدۇ تور تېخنىكا شىركىتى ناھايىتى تېزلا ئامېرىكىدا شوپۇرسىز ئاپتوموبىل سىناق قىلىدۇ، بۇ بەيدۇ شىركىتىنىڭ 2018-يىلدىن ئىلگىرى سودا خاراكتېرىدىكى شوپۇرسىز ئا...
18-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 18-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: شىياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىن لىفېڭ گۇرۇھى ئاگاھلاندۇرىشىچە، ئوبوروتنىڭ تارىيىشى جۇڭگو زاۋۇتلىرىنى داۋاملىق ھالسىرىتىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا پارچە سېتىش بازى...
18-03-2016
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17- مارت رىيادتىن يوللىغان تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەتلىك بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد 17- مارت: «بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ يەمەندىكى ھۈسەيىن قوراللىقلىرىغ...
18-03-2016
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، بۇ رەسىملەرنى تۇنجى كۆرگەندە سىز چوقۇم بۇ شەھەرنىڭ دۇنيادىكى قايسى شەھەر ئىكەنلىكىنى پەزەر قىلالمايسىز. ناۋادا مەن بۇ رەسىملەرنىڭ جۇڭگونى...
18-03-2016
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كامبودژا دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى 16-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مېكوڭ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىغا جىددىي سۇ تولۇقلاپ، مېكوڭ دەرياس...
18-03-2016
ھىندىستان كىنو چولپىنى كاجال ئاگاراۋال ۋە راندېپ خودا باش رول ئالغان ھىندى تىلىدىكى «Do Lafzon Ki Kahani» ناملىق فىلىم 6-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتۈن دۇنيادا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىم 2011-يىلى ئىشلەنگەن سۇ جىشيې، خەن شياۋجۇ باش رول ئالغان كورىيە فىلىم...
18-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-مارت تېلېگراممىسى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسى مورگان دۇرانتنىڭ ئېيتىشىچە، دېلتا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MD-88 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ جاي...
18-03-2016
ئاشۋارىيا راي باچچان باش رول ئالىدىغان يېڭى فىلىم «Sarbjit» ھەرقايسى كۆرۈرمەنلەرنى تەقەززا قىلغىلى خېلى بولدى. بۇ فىلىم ھازىر سۈرەتكە ئېلىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بولۇپ، لېكىن يېقىندا بومبايدا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەرد...
18-03-2016
ئاشۋارىيا راي باچچان باش رول ئالىدىغان يېڭى فىلىم «Sarbjit» ھەرقايسى كۆرۈرمەنلەرنى تەقەززا قىلغىلى خېلى بولدى. بۇ فىلىم ھازىر سۈرەتكە ئېلىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بولۇپ، لېكىن يېقىندا بومبايدا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەرد...
18-03-2016
 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 13- مارت چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەسئۇللىرى «رۇيدا» مېھمانسارىيىغا يىغىلىپ، ت...
Powered by Leglek