ئەنگىلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر ئەر ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاچچىقىدا ئۆيدىكى ئەرمەك كۈچۈكنى تاشلاپ ئېتىشىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
10-يانۋار ئەتىگەن، كارلوس ھېرناندېز ئىسىملىك بۇ ئەر ئايالى كارىمارى بېلا بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان، ئەينى ۋاقىتتا قونچاقنى ئېلىپ ئىتنى يېتىلەپ سىرتلارنى ئايلىنىپ كىرمەكچى بولغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تالاش-تارتىشلارمۇ بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن، كارلوس ئايالىنىڭ قولىدىن كۈچۈكىنى تارتىۋالغان پېتى، كۈچەپ يەرگە ئۇرغان. شۇنىڭ بىلەن نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن بۇ كۈچۈكنىڭ ئېغىز-بۇرنىدىن قان ئېقىپ، قىمىرلىيالمىغان پېتى ئۆلۈپ كەتكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كارىمارى ئىككىيلەن تۇرىۋاتقان بۇ خانىش رايونىدىكى ياتاق بىناسىدىن قېچىپ كەتكەن، بىراق ساقچىلار شۇ كۈنى كارلوسنى قولغا ئالغان. چۈنكى كارلوسنىڭ بۇ قىلمىشى ھايۋاناتلارنى خورلاشقا تەۋە بولۇپ، جىنايى بۇزغۇنچىلىق ۋە بالىلارنىڭ پاراۋانلىقىغا زىيان يەتكۈزدى دەپ ئەيىبلەنگەن.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved