امېرىكا بىرلەشمە خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى مەلۇم بىر كېنتاكىي تېز تاماقخانىسىغا 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ كىرىشى مەنئىي قىلىنغان. مىكدونالد تېز تاماقخانىسىمۇ مەزكۇر دۆلەتتە ئوخشاش بەلگىلىمىنى چىقارغان.
ئىگىلىنىشىچە، فېۋرالدا بىر قانچە قورامىغا يەتمىگەن ياش سىتوك شەھىرىدىكى بىر كېنتاكىيدا جېدەل چىقىرىپ، دۇكاننى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان. كېيىن بۇ تېز تاماقخانا بەلگىلىمە چىقىرىپ، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ دۇكانغا كىرىپ ئىستېمال قىلىشىنى مەنئىي قىلغان.
مىكدونالد باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر جەمئىيەتكە قارشى قىلمىشلارنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ياش قورامىغا يەتمىگەن ياشلارنىڭ جېدەل چىقىرىش نىسبىتى يۇقىرىلاپ ماڭغان. ساقچىلارمۇ تېز تاماقخانىلاردىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلمىگەن قورامىغا يەتمىگەن ياشلارنى سىرتقا سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ، تېز تاماقخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىستېمال قىلىشىنى مەنئىي قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved