ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەلىك 26 ياشلىق بىر ئايال ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن ئوغلىنى ئېلىپ «شام ئىسلام دۆلىتى» گە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن ئالتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئايالنىڭ ئىسمى تارېنا شاكىل (Tareena Shakil) بولۇپ، ئەنگىلىيە بىرمىڭھام (Birmingham) لىق بولۇپ، «شام ئىسلام دۆلىتى» گە قاتنىشىپ، «تېررورلۇق قىلمىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى» سەۋەبىدىن شۇ جاي ۋاقتى 1-چېسلا ئالتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2014-يىلى 10-ئايدا، تارېنا شاكىل بىر ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ تۈركىيەگە بارىدىغان ئايروپىلانغا چىققان ۋە كېيىن سۈرىيەگە يېتىپ بارغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ سۈرىيەدىن قېچىپ چىقىپ ئەنگىلىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئالدىنقى يىلى 2-ئايدا ئۇ لوندون خېسىروۋ (Heathrow) ئايرودرومىغا قولغا ئېلىنغان.
تارېنا شاكىل مۇنداق دېدى، مەن پەقەت قاتتىق ئىسلام قانۇنى ئاستىدىكى جەمئىيەتتە ياشاشنى ئۈمىد قىلاتتىم، مەن تېررورلۇق قىلمىشىغا ياردەم بەرمىدىم. ئۇ سوتتا زاستاتىللارغا مۇنداق دېدى، مەن بىر خاتالىق ئۆتكۈزدۈم. بىراق تەپتىش مەھكىمىسى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ يانفونىدا ئۆزىنىڭ قورال تۇتۇپ تۇرغان ۋە كىچىك ئوغلىنىڭ بېشىغا «شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن دوپپا كىيگەن سۈرىتى بار. تارېنا شاكىل ئۆيىدىكىلەرگە يازغان بىر پارچە قىسقا ئۇچۇردا مۇنداق يازغان:«ئۆزگىرىپ كەتكەنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئېتىقادنىڭ بىر قىسمى...»
سوت ھۆكۈم چىقارغاندا باش سوتچى مۇنداق دېدى، تارېنا شاكىل ئوغلىنىڭ «دىنى ئەسەبىي كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىش، تېررورچىغا ئايلىنىپ كېتىش» ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا شۇنداق قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تارېنا شاكىل ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ «شام ئىسلام دۆلىتى» گە قاتناشقان ياش ئەنگىلىيە ئايال پۇقرالىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يىلى 56 قىز-ئايال سۈرىيەگە بېرىپ «شام ئىسلام دۆلىتى» نى قوللىغان ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved