ئالما WWDC2014 يېغىنىدا iPhone دا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان iMessage دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدى. يېڭى نەشرىدە خۇددى ئۈندىدارغا ئوخشاشلا توپ قۇرۇپ پاراڭلىشىشقا بولىدۇ. پاراڭلىشىش جەريانىدا خالىغانچە ئالاقىداش قوشۇشقا ۋە چىقىرىپ تاشلاشقا، دەخلىسىز ھالەت، ۋاقتىنچە ئايرىلىش ھالىتى قاتارلىق خاس ھالەتلەرگە تەڭشەشكە ۋە تور ئادرسلىرىنى بەھرىلىنىشكە بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت يېڭىدىن ئاۋازلىق ۋە سىنلىق پاراڭلىشىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئۈندىدار دېتالىدىن قىلىشمايدۇ. ئىكىراننى يان تەرەپكە سىيرىش ئارقىلىق مىكروفون ۋە ئۈنئالغۇ كونتىرول ھالەتلىرىنى قوزغىتىشقا بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىملەردىن تەپسىلىي تولۇق ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ:
iMessage دېتالىدا ئاۋازلىق پاراڭلىشىش
iMessage دېتالىدا تور ئادرس بەھرىلىنىش
iMessage دېتالىدا رەسىم يوللاش
iMessage دېتالىدا سىنلىق پاراڭلىشىش
كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ قېتىم يىڭىلانغان iMessage نىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى ئۈندىدار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا ئالماخۇمارلارنىڭ ئۈندىداردىن ۋاز كېچىدىغان ۋاقتى كەلدىمۇ؟
WWDC2014 كە ئائىت تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەرگە قىزىقساڭلار دېققىتىڭلار لەگلەك خەۋەرلىرىدە بولسۇن!
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved