ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئىزدەندى
«2015 - يىللىق جۇڭگو - ياۋروپا پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سەپىرى پائالىيىتى − شىنجاڭ لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى» 9 - ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق پائالىيەتنى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى شىنجاڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇپۇق سىزىقى - 2020 پىلانى» غا قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇپۇق سىزىقى −− 2020 پىلانى» ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مەبلەغ قورالى. بۇ يەتتە يىللىق (2014 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)پىلاندىكى خامچوت ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 80 مىليارد ياۋرۇ بولۇپ، جۇڭگودىكى قاتناشقۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پەن - تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بو سىرۈي مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇرغۇن تۈر مەبلىغى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇپۇق سىزىقى −− 2020 پىلانى» غا پائال قاتناشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى خەلقئارا ھەمكارلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۇڭ پىڭ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە خېلىلا ئەمەلىي كۈچى بار. بۇ پائالىيەتنى شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلىش قەدىمى تېزلىشىۋاتقاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو - ياۋروپا پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سەپىرى پائالىيىتى ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەت 18 - ماي ۋۇخەندە باشلانغان بولۇپ، 11 - ئايدا ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ پائالىيەت جۇڭگودىكى 16 شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى بۇ پائالىيەتنىڭ 4 - بېكىتى ئىكەن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.
...
|
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
|
 |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
|
 |
ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
|
 |
تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
|
 |
تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
|
 |
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
|
 |
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
|
 |
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
|
 |
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
|