خەلق تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ شۇ كۈنى 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچقۇچىسىز كۆرەشچى ئايروپىلان ياساش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: 2014- يىلى باشلانغان بىر تۈرلۈك يولغا قويۇشچانلىققا ئېگە تەتقىقات ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت 2017- يىلى كېيىنكى باسقۇچلىق خىزمەتكە قەدەم قويۇپ، 2025- يىلى تۇنجى ئۇچقۇچىسىز كۆرەشچى ئايروپىلاننىڭ بارلىق تەتقىقات خىزمىتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ تەجىربە پىلانى ياۋروپا بۇيىچە ئەڭ ئىلغار بولۇپ، ئۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۇپىسى ئۈستىدە تەرەققىي قىلىدۇ، بەلكىم 2030- يىلدىن كېيىنكى كەلگۈسىدە مەشخۇلات ئىقتىدارىغا ئاساس سېلىنىشى مۇمكىن. 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان كەلگۈسى ئۇرۇش ئاۋىئاتسىيە سىستېمىسى پىلانى 2020- يىلى تېخنىكىلىق قاراپ چىقىش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved