شىنخۇا تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىچىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ماقۇللىغان چاۋشيەنگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى قارارنى قوبول قىلىشنى رەت قىلىدۇ ھەمدە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ.
بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دېگەن: چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلىشى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە كۈنسايىن كۈچىيۋاتقان يادرو تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ياشاش ھوقۇقى قوغداشنى مەقسەت قىلغان يادرو ئارقىلىق چەكلەش تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىدىن ئىبارەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved