سۇرىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا سۇرىيەگە كىرىپ ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىدىكەن، چوقۇم سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشىشى كېرەك، بولمىسا بۇ ئىگىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتى دەپ قارىلىدۇ.
سۇرىيەدىكى مىللىي يارىشىش ئىشلىرى مىنستىرى ئەلى ھەيدەر مۇنداق دېدى: سۇرىيە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە تەۋەسىدە ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئىھتىيات قىلىدۇ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بەلكىم غەربنىڭ قۇرال كۈچ بىلەن سۇرىيە كىرزىسىگە ئارلىشىشتىكى باھانىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
ھەيدەر يەنە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى باشقا ئۆكتىچى گوروھلارغا ياردەم بېرىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى چەكلەش تەسەۋۇرىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇرال ياراققا ئىگە بولغانلارنىڭ ھەممىسى تىررۇچى ئۇنسۇر، ئۇلارنى قۇراللاندۇرۇش تىررۇلۇققا قارشى تۇرۇشقا قارشى يول تۇتقانلىق.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved