فېدنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى زادى قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟

     10-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا فېد ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، تېخى رەسمىي ئۆسۈم ئۆستۈرمەي تۇرۇپلا قازاقىستان تەڭگىسىنىڭ قىممىسى %40 چۈشۈپ كەتتى. 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00 دە، فېد ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا ئارگېنتىنا پېسوسىنىڭ قىممىتى %41 چۈشۈپ كەتى، بۇ ھەپتە تۇنجى سودا كۈنى ئەزەربايجان ماناتىنىڭ قىممىتى %50 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى، جاكار قىلىش ۋاقتى ئىككى مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارى ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋەتتى، بىرى كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئارگېنتىنا ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئىقتىسادى بىر كېچىدىلا ۋەيران بولدى. ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى بولىۋاتىدۇ، ئېنىقىنى ئېيىتقاندا تۈركىيەدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت ئارلىشىپ قالغانلىقتىن، بەزى كىشلەر ئامېرىكىنى خوجا ئاكىسى ئورنىدا چوڭ كۆرۈپ روسىيەنى ئاخبارات يۈزىدە ئەيىبلەپ قويسا، رۇبلىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، روسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزسە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى قىزىقچىلىقتەك ھېس قىلىپ تاماشا كۆرمەكتە، سىز ئىقتىساد چۈشەنمىگەنلىكتىن ئاخبارات يۈزىدىكى قۇرۇق باياناتلار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىڭىزنى ئالداپ ھاياجانلانسىڭىز بولىۋېرىدۇ، لىكىن شۇنداقتىمۇ ئاقسارايدا يېزنىڭىز بولمىسا ھاياجىنىڭىزنى يىغىشتۇرىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش باشقا دۆلەت پۇلىنى قىممەتكە يارىمىغۇدەك قىلىپ چۈشۈرۋېتىش، مىقدارلاشقان تاۋار، يەنى ئېنىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۋېتىش....دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار ئارقىلىق سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سىز ئىقتىساد چۈشەنمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، بىز سىزگە دۇنيادا نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا تىرىشىمىز. فېدنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى زادى قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق؟  

فېد ھەرقېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە ۋە چۈشۈرگەندە، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەمىلىيەتتە دەل بىر قېتىملىق قوي يۇڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە قوي يۇڭىنى قىرقىشنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن ئىبارەت. فېد چوڭ كۆلەمدە پۇل تارقاتقان، ئۆسۈم چۈشۈرگەندە بېلىق قارماققا ئىلىنىدۇ، ئۆسۈم ئۆسۈشنى ساقلىغان ۋاقىتتا ئىقتىسادى گەۋدىنى نەس باسىدۇ. ئاچكۆزلۈك كۆپۈكنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاچكۆزلۈك يەنە كۆپۈكنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، فېدنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى ساقلىغان ۋاقىتتا پۇل كۆپۈكى بىۋاستە يېرىلىدۇ، يەرشارى خاراكتىرلىك كىرزىس يۈز بېرىدۇ. قارماققا ئىلىنغان دۆلەت، «پۇل ئەپىيۇنى» نى سۈمۈرگەن ۋاقىتتا ھۇزۇرلىنىدۇ، تارايغان ۋاقىتتا «پۇل زەھىرى خۇمارى» نى تاشلاش تېخىمۇ ئازابلىق بولىدۇ.

80-يىللاردا فېد ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدە قەرز كىرزىسىنىڭ ئوت پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇردى. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا پۇلنى قويىۋەتتى، برازىلىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى زور مىقداردا دوللار قەرزى ئالدى، 1968-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، برازىلىيەنىڭ گ د پ قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرچە %10 دىن يۇقىرى ئېشىپ، «برازىلىيە مۆجىزىسى» دەپ ئاتالدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى برازىلىيەنىڭ ئىقتىسادى كۆپۈكىنى ياردى، زور مىقداردا قەرز ئېلىپ بەش يىل گۈللىنىشنى كۈتىۋالغان برازىلىيە ئىقتىسادى بىر كېچىدىلا ۋەيران بولدى، ھازىر يەنە قايتا كۆپۈك كېڭىيىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ.

80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈپ، غەربى ياۋروپانى بەش يىل، ياپونىيەنى 15 يىل ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتتى.

90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنى پارتىلاتتى، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، شىياڭگاڭ، ياپونىيە ۋەيران بولدى، بىر كېچىدىلا خەلقنىڭ بايلىقى پارلىنىپ كەتتى. خەلقنىڭ ئون نەچچە يىللىق قان تەرى بىر كېچىدىلا كۆپۈككە ئايلاندى، خەلق ئون نەچچە يىل بىكار ياشىغاندەك بولدى، جاھاننى كىشلەرنىڭ ئاھۇ زارى قاپلىدى.

2001-يىلى ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈردى، يەرشارىدا ئۇچۇر-ئالاقە تورى كۆپۈكىنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇچۇر-ئالاقە تورى ئەينى يىللاردىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ كۆپۈك ئىدى، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ناسداك كۆپۈكى يېرىلدى، سانسىزلىغان شىركەتلەر ۋەيران بولۇپ يوقالدى، نەچچە تىرىلىيون دوللار تۇيۇقسىزلا كۆپۈككە ئايلاندى.


2008-يىلى ئامېرىكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈپ، ئىككىلەمچى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ يۈز بېرىشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇنلىغان يۈز يىللىق پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى ۋەيران بولدى. بۇ «ۋەيران بولسا بولمايدىغان» بانكىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەلېندىن ئىلگىرىكى فېدنىڭ سابىق رەئىسى بېرنەنىك دەرھال «تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ پۇل چاچتى»، مىقدارلاشقان قويىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۈگۈنگىچە دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ سايىسىدە ياشاۋاتىدۇ.

    فېد ھەربىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرسە يەرشارىدا بىر قاتار كۆپۈك يېرىلىش، دۆلەت ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش، شىركەتلەر ۋەيران بولۇش دولقۇنى پەيدا بولۇش قاتارلىق ھادىسلەر بولىدۇ، بۇ نۇقتىنى تارىخ ئىسپاتلاپ بولغان. فېدنىڭ 2006-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇقىملىشىپ بولدى، بۇ يەرشارىنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىدىغان پۇلنى تارايتىش «تولغىقى» نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دوللار بىلەن دوللار بولمىغان كاپىتال دوئىلغا چۈشتى، يەرشارى مىقياسىدا «پۇل ئۇرۇشى» رەسمىي باشلاندى.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek