سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن زۇڭلى لى كېچىياڭ خەلق سارىيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تايلاند زۇڭلىسى بايۈنىڭ ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى .مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن ۋېنيى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى باشتا پارات مۇنبىرىگە چىقتى ،ھەربىي ئوركېستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى .زۇڭلى لى كېچىياڭ بايۈ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .قارشى ئېلىش مۇراسىمدىن كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى سۆھبەتلەشتى . لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹چۈشتىن ئىلگىرى مەن بانكوكتا جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدۇم ،بۇ ئىككى دۆلەت تۆمۈر يول ھەمكارلىقىدا قولغا كەلگەن زور ئىلگىرىلەش ،شۇنداقلا جۇڭگو تايلاند ھەمكارلىقىنىڭ بېيىغانلىقىنىڭ بەلگىسى .جۇڭگو تايلاند بىلەن بىرلىكتە سودا سۆھبىتى سودا ھەمكارلىقى ئەندىزىسى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى تېزراق باشلاپ دەسلەپكى باسقۇچلۇق تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى بالدۇرراق باشلاپ ،ئىككى تەرەپ ھەم يول بويىدىكى خەلقنى بالدۇرراق نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ .كېلەر يىلى جۇڭگو تايلاند دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ،ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ جۇڭگو تايلاند بىر ئائىلە دەيدىغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ ،ھەمكارلىق كۆلىمى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ تەڭ مەنپەتلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .كېلەر يىلى قوش تەرەپ سودا سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز ،ئۆز پۇلىمىزنى ئىشلىتىپ ئىككى دۆلەت سودا مەبلىغىنى راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ،ئادەمىيەت ئالاقىسى ،پەن تېخنىكا ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ،2016-يىلىغا بارغاندا ئىككى دۆلەت ئارا ساياھەتچى سانىنى بەش مىليون ئادەم قېتىم سانىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك ،.
لى كېچىياڭ يەنە مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئەتراپ دېپلوماتىيىسنىڭ ئالدىنقى يۈزلىنىشى قىلىپ كەلدى .ئۈچ يىلدىن بۇيان تايلاند جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى ،.
بايۈ مۇنداق دېدى :.تايلاند جۇڭگو ھەمكارلىقى تايلاندنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ،تايلاند ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەيدۇ ،جۇڭگو بىلەن تۆمۈر يول دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى قاتارلىق ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى چىڭ تۇتۇپ بەدئىيلەشتۈرۈپ ،ئىقتىساد سودا پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش ئادەمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ .جۇڭگو رايون تىنچلىقى مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ .تايلاند جۇڭگو بىلەن زىچ ماسلىشىپ ،ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۇقىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ ›.
ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يەنە ئىككى تەرەپنىڭ پۇل مۇئامىلە سۇچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زۇڭلى لى كېچىياڭ تايلاندتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان بۇلۇپ ،لى كېچىياڭ بانكوكتا تايلاند زۇڭلىسى بايۈ بىلەن كۆرۈشتى .لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹بۇ قېتىم تايلاندقا بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىساد ھەمكارلىرىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلدىم بۇ مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن تايلاند تۆمۈر يول ،يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ،سودا ھەمكارلىقى ئەسلىمىسىنى ئىمزالايدۇ ،بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى .مەزكۇر رايوننىڭ ئۇل -ئەسلىھە قۇرۇلۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ ،ئەشيا ئوبروتىنىڭ راۋانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ خادىملار ئالاقىسىگە قولايلىق يارىتىشقا [پايدىلىق جۇڭگونىڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنى سىرىتقا چىقارغاندا زىيادە ئىشلەپچىرىش ئىقتىدارىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپلا قالماي جۇڭگو ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ›.
لى كېچىياڭ ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولىنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاقىدا خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈرنىڭ بالدۇرراق باشلىنىشىغا ياخشى ئاساس سېلىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .بايۈ تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن لى كېچىياڭنىڭ تايلاندقا بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى رايونى ئىقتىساد ھەمكارلىقى 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقى كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹تايلاند بىلەن جۇڭگو ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوستلار تايلاند ،تايلاند جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .جۇڭگو بىلەن تۆمۈر يول ۋە يېزا -ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش تايلاندقا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .مەزكۇر رايوننىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ،تايلاند جۇڭگو بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئالاقىدا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ،ھەمدە كېلەر يىلدىكى ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ،ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ ،جۇڭگو بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىككىلەمچى ھەمكارلىق رايونىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن بۈيۈك رولىنى جارى قىلدۇرغۇسى .
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مەركىزى شەھەر بانكوكتا تۇرۇپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى :‹شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن زۇڭلى لى كېچىياڭ بۇ يەردە بۈيۈك مىكون دەرياسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ،يىغىندا زۇڭلى لى كېچىياڭ ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ كەسپى ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى پۇل -مۇئامىلە بىلەن قوغداشنى كۈچەيتىپ ،خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ رايون تەرەققىياتىنىڭ ئېچىۋىتىش بىرلەشمە ھەرىكەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ،مەزكۇر رايوننىڭ ئۇۇزن مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹ئاسىيا دۇنيا بويىچە ئېشىش ھاياتىي كۈچىگە ئىگە رايون ،بۇ مەزكۇر رايوننىڭ تىنىچ مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىدىن رايون ۋە ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتىن كەلگەن ،جۇڭگو تىنىچ تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي ماڭىدۇ ،دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوللايدۇ ،جەنۇبىي دېڭىز يېرىم ئارىلىدىكى بەش دۆلەت جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ يېقىن قوشنىلىرى ،جۇڭگو داۋاملىق دوستانە سەمىمىىي ،كەڭ قورساق بۇلۇپ ،بەش دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ رايون .ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ،مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved