شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى خەلقئارا مىلان چولپىنىنى قوشۇۋالدى

        شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى ئورگان تورىدا خەلقئارا مىلان توپچىسى گۇارىننى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 11 مىليون ياۋرو، يىللىق مائاشى 6 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن. ئۇ ئاللىقاچان ئىسپانىيەگە بېرىپ، توختام تۈزۈشۈپ، كوماندا بىلەن يىغىلىپ بوپتۇ.

       گۇارىن 1986-يىلى كولۇمبىيەدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى. كەسپىي ھاياتىنى كولۇمبىيەدە باشلاپ، 2005-يىلى ئارگېنتىنا بوكا ياشلىرى كۇلۇبىغا ئىجارە بېرىلگەن. 2006-يىلى فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى سائىنت ئېتىياننې كۇلۇبىغا ئىجارە بېرىلىپ، 2007-يىلى مەزكۇر كۇلۇبقا رەسمىي قوشۇلغان. 2008-يىلى 7-ئايدا ئۇ پورتو كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. پورتودىكى تۆت پەسىلدە ئۇ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان. پورتوغا ۋاكالىتەن 108 مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ كىرگۈزگەن. كوماندىنىڭ بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى، ئىككى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىم پورتۇگالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئۈچ قېتىم پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۆھپە قوشقان. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى  پورتو كۇلۇبى گۇارىننىڭ 11 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش ھەققى بىلەن خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۈگۈنگىچە ئۇ خەلقئارا مىلان كوماندىسىدا 146 مەيداندا 23 توپ كىرگۈزگەن.

      ئۇ يەنە ھەر قايسى ياشتىكى كۇلۇمبىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ دائىملىق ئەزاسى. كولۇمبىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 2011-يىللىق ئامېرىكا لوڭقىسى ۋە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. بۇ پەسىلدە ئۇ شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىدىكى كولۇمبىيەلىك توپچى مورېنو بىلەن ماسلىشىپ، كوماندىنىڭ بىرلەشمىدە ياخشى نەتىجە يارىتىشىغا يارەدەمدە بولالامدۇ-يوق، بۇنىڭغا ۋاقىت جاۋاب بېرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek