ئېغىزدىكى تەمدىن يوشۇرۇن كېسەلنى بايقىغىلى بولىدۇ

    ئىچكى ئەزالاردا بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولسا گەپ قىلغاندا بىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن مۇۋاپىق چارە قوللىنىپ بەزى كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    ئېغىز ئاچچىقلىشىشئۆت سۇيۇقلۇقى مېتابولىزىمىنىڭ نورمالسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئېغىز ئاچچىقلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.  ئېغىز ئاچچىقلىشىش كۆپ ھاللاردا جىددىي، ئاستا

خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ.

بۇنداق كىشىلەر پالەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك. پالەكنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، يېيىشلىك بولۇپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش،ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، ئۈچەي، ئاشقازاننى تازىلاش، ئىسسىقنى ھەيدەش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە، ئۇ يەنە قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان ئۇسساش، ئېغىز ئاچچىق بولۇپ گال قۇرۇش قاتارلىق كېسەللەرنى قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە.

ئېغىز تاتلىق بولۇش

بۇ ئەھۋال كۆپىنچە دىيابىت، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقان بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. كىشىلەر دىيابىت قاتارلىق كېسەللەرنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىپلا قالماستىن،  ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى، ئاچچىق، غىدىقلاش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى، كۆپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

ئېغىز چۈچۈمەللىشىش

ئېغىزنىڭ چۈچۈمەللىشىشى ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئىپادىسى. ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كەتكەنلەر كىسلاتالىق ياكى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى چەكلەپ، شوۋىگۈرۈچ، ئۈگرە، بولكا قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

ئېغىز تۇزلۇقلىشىش

نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق كېسەللەرگەگىرىپتار بولغان كىشىلەردە ئېغىز تۇزلۇقلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

ئېغىز لاۋزىلىشىش

بۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسىلى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى كېسىلى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنت — سىنىك

كەمچىل بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. يۇقىرىقى كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توخۇ، بېلىق، يېڭى

كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، شۇنداقلا ھەر قېتىم تاماقتىن كېيىن ئىككى – ئۈچ

تال دولانە يەپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئېغىز پۇراش

ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللەر ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، چىش ياللۇغى،

ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىشنى قۇرت يېيىش، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كېسەللەردىنمۇ ئېغىزپۇراش كېلىپ چىقىدۇ. يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش ئۈچەي، ئاشقازاننى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا ۋىتامىن B، C  ۋە سىنىك تولۇقلاش كېرەك.

ئېغىز ئېچىشىش

ئۆپكە يىگىلەش ياكى ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىپ كېتىش ئېغىز ئېچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، نېرۋا فۇنكسىيەسى بۇزۇلۇش

كېسىلى، كېلىماكتېرىيە ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىمۇ ئېغىز ئېچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئاق ئامۇتنى پاكىز يۇيۇپ ئۇرۇقىنى

ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە ھەششەتۇلھەجەل  (川贝)، ناۋات، ھەسەل قاتارلىقلارنى قۇيۇپ دۈملەپ يېسە ئېغىز ئېچىشىشنى يوقاتقىلى بولىدۇ



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
02-05-2016
    يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ: ...
30-04-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغ...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
30-04-2016
     تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
30-04-2016
    نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن «سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «ئۇنداق ھېس قىلمايمەن، مۇھىمى سىز قايسى خىل ئىدىيەنى كۈچەيتىشكە باغلىق» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەزى كىشىلەر يالغۇزلۇق بىلەن كېسەلنى بەكرە...
30-04-2016
    باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەرب تېبابىتىدىكى قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق بېشارەتلەردىن كېيىن، بىر تەرەپ چاناق، چېكە ۋە پ...
30-04-2016
    گۇگول شىركىتى يەنە قالتىس تېخنىكا چىقاردى! چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Googleيېقىندا بىر يېڭى پاتېنت تېخنىكىسى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا سۇيۇق ھالەتتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرەيدىغان مىكرو ئېلېكترونلۇ...
29-04-2016
    زىيادە بېسىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت كومپيۇتېرنىڭ مائۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە توكيو MedTec يىغىنىدا، Alps Electic شىركىتى بىر ...
Powered by Leglek