مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۇنيا سەھىيە بىرلەشمىسى يېقىندا ئېبولا يۇقۇمى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرنى ئېلان قىلدى ھەمدە بايانات ئېلان قىلىپ ئىبۇلا يۇقۇمى كۆرۈلگەن دۆلەتلەرنى چىگىردىن چىقىش كارانتىن چىقىش ئېغىزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى خەۋرىدىن قارىغاندا ،8-ئاينىڭ 16كۈنىگىچە ،غەربىي ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەت نىگىرىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتە يۇقۇملانغان ۋە يۇقۇملانغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارالغان كېسەللەر 2240 قا ،ئۆلگەنلەر 1230 قا يەتكەن .دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دېدى :‹ئېبولا يۇقۇمى كۆرۈلگەن دۆلەتلەر خەلقئارا ئايرودروم ،ئاساسلىق پورت قاتارلىق چىگرىدىن ئۆتكۈزۈش نۇقتىلىرىدا بارلىق چىگرىدىن چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈپ ،ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ چىگرىدىن چىقىشىنى چەكلىشى كېرەك ›.
ئېبولا ۋىروسى ھاۋا ئارقىلىق تارقالمايدۇ .بۇنداق ۋىروس يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچراشقۇچىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى ئوتتۇرسىدا تارقىلىدۇ .دۇنيا سەھىيە تشكىلاتى يەنە ھازىر ئېبولا يۇقۇمى كۆرۈلمىگەن دۆلەتلەر كېسەلنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بايقىشى ،ئايرىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved