بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ يېڭى ئىككى چوڭ تەرەققىيات: ئالتە چوڭ دۆلەت بىلەن ئىران يادرو تۈرى رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستان تەشكىللىگەن 10 سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقى يەمەننىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشتى. بۇ ئىككى چوڭ ئىلگىرىلەش ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بارغانسېرى روشەنلىشىۋاتقان «رايونلۇق زومىگەرلىكى»نى نامايان قىلىپ بەردى.
ئالدى بىلەن يادرو رامكا كېلىشىمى ئىسرائىلىيەنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىدى، «مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» دەپ قارىدى ھەمدە پۈتۈن يەر شارىدىكى يەھۇدىي كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامېرىكىدا بولۇپمۇ پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سىياسىي بېسىم قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ رامكا كېلىشىمىنى توساپ قالالمىدى. ھېچ بولمىغاندا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە، ئىراننىڭ رايونلۇق تەسىرى ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان رېئاللىق بولۇپ قالدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تەشكىللىگەن سۈننىي مەزھىپىدىكى ھەربىي ئىتتىپاق ياۋروپا، ئامېرىكا تەمىنلىگەن ئىنتايىن ئىلغار ھاۋا ئارمىيە كۈچى بىلەن ئومۇميۈزلۈك بومباردىمان قىلسىمۇ، ئىران قوللىغان يەمەن شىئە ھۆسۈيىن قوراللىق توپىلاڭچىلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا غەلبە قىلىپ، يەمەندىكى ئەڭ ئاخىر مۇھىم شەھەر ئادىن پورتىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشىنى يەنىلا توسۇپ قالالماي، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەر يۈزى قوشۇنلىرىنى چىقىرىپ ئارىلىشىشتەك مۈشكۈلاتقا مەجبۇر قىلدى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىراننىڭ بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا دۇچ كەلگىنى يەرشارىۋى زومىگەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ئىتتىپاقدىشى ھەمدە ئىككى ئىتتىپاقدىشىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكىدا قۇرغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت تورىدۇر.
ئۈچ يىل ئىلگىرى پارتلىغان سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا، سۈننىي مەزھىپىدىكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى (ش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قول تۇتۇشۇپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا ئىراننىڭ ئىتتىپاقدىشى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررىيمۇ ۋاشىنگتوننىڭ چوقۇم بەشار بىلەن سۆھبەتلىشىشى كېرەكلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى.
يەنە سادام ھاكىمىيىتى قوزغىغان ئىراق-ئىران ئۇرۇشىغا قايتىپ كېلەيلى. ئۇ چاغدا ئىران دۇچ كەلگىنى سۇرىيەدىن باشقا بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بولۇپلا قالماستىن، ياۋروپا، ئامېرىكىمۇ سادامغا يوشۇرۇن ئاشكارا ياردەم بەرگەن ئىدى. سادام تەپتارتماي خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىۋاتقان پەيتتە (ياساش ئەسلىھەلىرى ياۋروپا، ئامېرىكىدىن كەلگەن)، رامۇسفېلد يەنە ئۆزى باغدادقا بېرىپ كۆرۈشۈپ سادامنى قوللىدى. بۈگۈنكى كۈندە سادام ھاكىمىيىتىنىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى، لېكىن ئىراننىڭ خەلقئارا تەسىرى كۈنسېرى ئاشماقتا.
بۈيۈك ئوتتۇرا شەرقتىكى رايونلۇق رىقابەت ھەمدە كۈنسېرى روشەنلىشىۋاتقان «30 يىللىق ئۇرۇش»تا، نېمىشقا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى غايەت زور نوپۇس ۋە مالىيە كۈچى ئۈستۈنلىكىگە ئىگە تۇرۇپمۇ ھەمدە ئامېرىكا، ياۋروپا قوللاۋاتقان بولسىمۇ (يەنە كېلىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەمەلىي ئىتتىپاقدىشى)، ھەرخىل شارائىتلىرى نىسبەتەن ناچار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ئىران ھەمدە ئىران رەھبەرلىرىكى شىئە كۈچلىرىنى يەنىلا يېڭەلمەيدۇ؟
بىر مۇھىم تارىخىي ئامىل يەنى مەن كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلامنىڭ دېموكراتىيەلىشىش دولقۇنى بىلەن شىئە گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈستىمۇئۈست چۈشىشىدۇر: ئۇزۇن مەزگىل سۈننىي مەزھىپىدىكى ئاساسىي ئېقىمنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىغان شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي ئويغىنىشىنىڭ غايەت زور تارىخىي ئېنېرگىيەسى بار.
ئەمما ئوخشاشلا ئۇزۇن مەزگىل ئېزىلىشكە ئۇچرىغان، «ئەرەب باھارى»دا قىسقا مەزگىل قويۇپ بېرىلگەن سۈننىي مەزھىپى جەمئىيىتىدىكى تۆۋەن قاتلام كۈچلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، يا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ قالدى يا بولمىسا ئاشقۇنلىشىپ كەتتى، شىئە مەزھىپىدەك ئوتتۇرا شەرقتىكى يۇقىرىغا ئۆرلىگەن كۈچلەر بولۇشقا ئامالسىز قالدى.
بۇنى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك رەھبەرلىكىنىڭ تۆھپىسى دېيىشكە بولىدۇ. بىر يىل ئىلگىرى، مەن «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»دە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننىڭ سىياسىي داھىيلىرىنىڭ كېلىپ چىقشىنى سېلىشتۇرما قىلدىم: بىر تەرەپ ئەيشى-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان «شاھزادىلەر پارتىيەسى»، بىر تەرەپ نامرات بالىلار مائارىپ رىقابىتى ئارقىلىق ئۈزۈپ چىققان. بۇ پەقەت بۇ رىقابەتتىكى يۇقىرى قاتلام تەرىپى.
تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت قاتلىمىدا. گەرچە يەھۇدىي كۈچلىرىنىڭ كونترول قىلىش تەسىرىدە، ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ ئىراننى ئالۋاستىلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇردى، ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي مېۋىسى، يەنى ئىران ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىرىنچى بەلگىلىمىسىدىكى «خەلق ھوقۇقى»دا: ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقى چوقۇم سايلامدىن كېلىدۇ، دېيىلگەن. بۇ ھۈمەينىدىن كېيىنكى ئىران دىنىي رەھبەرلىرى قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغان سىياسىي بويۇنتۇرۇق بولۇپ قالدى. ھەر قانچە مۇكەممەل بولمىغان سايلاممۇ چوقۇم خەلق رايىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ۋە خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. «دۆلەت نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ» دېگەن كىتابتىكى سۆزنى نەقىل قىلساق، بۇ ئىران تۈزۈلمىسىنى خېلى «كەڭ قورساقلىق»قا ئىگە قىلغان، ئىچكى-تاشقى سىياسىتى خەلق رايىنىڭ تۈرتكىسى ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان. بۇ ئىراننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى.
ئوخشاشلا مۇھىم بولغىنى ئىران مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشىدۇر. بۇمۇ ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم مېۋىسى: مائارىپ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامغا ئېچىۋېتىلگەن، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ھەقسىز، زور ساندىكى نامرات پەرزەنتلەرنى جەمئىيەتتە يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغىنى ئاياللار باراۋەر مائارىپ پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ، ئالىي مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى شۇڭا %60 كە يەتكەن. بۇ ئىراننى ئىسرائىلىيەدىن قالسىلا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مائارىپ سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى ۋە ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدىن سىرت يەنە ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ سۈپىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى (ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ سۈپىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلىكى). بىردىنبىر «ئەكس رولى» ئاياللارنىڭ تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئىران ئاياللارنىڭ تۇغۇشىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا موھتاج بولۇپ قالغان ئىسلام دۆلىتى بولۇپ قالدى.
مېنىڭ قارىشىمچە، مائارىپ تۈزۈمى بولۇپمۇ ئاياللار مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى شىئە مەزھىپىدىكى ئىراننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلىكى. ئۆز ئارا سېلىشتۇرغاندا، ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باغلىق ئىكەن. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن مۇتەئەسسىپ ئەقىدىنى چەتئەلدە كېڭەيتىشى سۈننىي مەزھىپىدىكى دۆلەتلەر مائارىپىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ مائارىپ پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى. ئافغانىستان تالىبان تەشكىلاتىنىڭ قىزلار مەكتىپىنى تاقىۋېتىشىدىن تارتىپ پاكىستان تالىبان تەشكىلاتىنىڭ پىشاۋۇر ھۆكۈمەت مەكتىپىدىكى يۈز نەچچە ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىشىغىچە، تاكى يېقىندا ئىسلام ئاشقۇنلىرىنىڭ زور ساندىكى كېنىيە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قىرغىن قىلىشىغىچە، مائارىپقا زەربە بېرىش ۋە باستۇرۇش سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇتەئەسسىپلەر ۋە ئاشقۇنلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى.
مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى ناچارلىق ياكى ئۈستۈنلۈك ۋە رىقابەت بۈگۈنكى ئىسلامنىڭ «30 يىللىق ئۇرۇش»تا يېڭىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved