1. كۈندە 100 قېتىم باشنى تاراپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قاراش خاتا. ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق كۆپ باش تاراش، باش تېرىسىدىكى ياغ بېزىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. بولۇپمۇ چىچى مايلىق كىشىلەر ئاز چاچ تاراش كېرەك. بىراق چېچى قۇرغاق كىشىلەر، چاچنى كۆپ تاراپ بېرىشكە ماس كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ تەبىئىي تالدىن ياسالغان تاغاق بىلەن تارىشى كېرەك، بولمىسا چاچ زەخمىگە ئۇچرايدۇ.
2. تەر سېسىق پۇرايدۇ، دېگەن ئۇقۇم خاتا. تەرنىڭ پۇرىقى بولمايدۇ. بىراق تەرنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئورگانىك ماددا بولۇپ، بۇ ماددىلار مىكروپلارنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، مىكروپلار تەرنى پارچىلىغان ۋاقىتتا ئاندىن سېسىق پۇرايدىغان ھەيدىگۈچى ماددا شەكىللىنىدۇ.
3. بۇرنى قانىغاندا ئىڭەكنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىك. بۇرنى قانىغاندا ئىڭەكنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر پايدىلىق تەرىپى، قان پەسكە ئېقىپ چۈشمەيدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلغاندا قان توختىمايلا قالماستىن بەلكى قان كانايغا ئېقىپ كىرىپ، قۇسۇش ھەتتا تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توغرا ئۇسۇلى بولسا: قان چىققان تەرەپتىكى بۇرۇن تۆشۈكىگە پاختىنى تىقىپ قويۇپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، بۇرۇن قانىتىنى يىنىك بېسىپ بەرگەندە ياكى ھۆل لۆڭگىنى بويۇنغا ئورۇۋالسىمۇ قاننى توختاتقىلى بولىدۇ.
4. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلاشقا بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىغان ۋاقىتتا، تاماقتىكى كىسلاتا ئېماللىق قەۋەتكە كىرىپ، تاماقنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، چىشنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5. دورىنىڭ ئەر-ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئوخشاش دەپ قاراش خاتا. تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، دورىنىڭ ئەر-ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن: ئاسپىرىن ئەرلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بىرا ئاياللارغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس. ناركوز قىلىش دورىسى قاتارلىق ماينى ئېرىتكۈچى دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئاياللارغا ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
6. قولتۇق تۈكىنى قىرىۋەتكەندە، تەر ئاز چىقىدۇ دەپ قاراش خاتا. قولتۇق تۈكىنى ئېلىۋىتىشنىڭ تەرنى كونتىرول قىلىش ياكى ئازلىتىش رولى يوق، ئەكسىچە تۈكنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن قولتۇق ئويمىنى تەرنى يوشۇرىدىغان ھېچنەرسە بولماسلىق تۈپەيلىدىن، تەرنىڭ كىيىمدە داغ قالدۇرۇپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قولتۇق تۈكىنى ئېلىۋەتكەندە تۈك يىلتىزىنىڭ يىرىڭلاپ ئىششىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. يول يۈرگەندە ئۆرە تۇرغانغا قارىغاندا كۆپ ئېنىرگىيە كېتىدۇ دەپ قاراش خاتا. ئۆرە تۇرغاندا ئىككى پاچاققا پۈتكۈل بەدەننىڭ ئېغىرلىقى چۈشۈپ، ئىككى پۇت ئارام ئالالمايدۇ. بىراق يول يۈرگەندە بىر پاقالچاق بىلەن يول يۈرۈپ بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆتۈرسە يەنە بىر پاقالچاق ئارام ئالالايدۇ.
8. قېنى تاتلىق ئادەمنى ئاسان پاشا چېقىۋالىدۇ، دېگەن ئۇقۇم خاتا. پاشا قاننىڭ ئاچچىق ياكى تاتلىقلىقىنى پۇراپ بىلەلمەيدۇ. بىراق پاشا ئىسسىق نەرسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ھەتتا 0.05 گىرادۇستىكى ھارارەتنىمۇ سېزەلەيدۇ. بىز نەپەس چىقارغان ۋاقتىمىزدا سىرتقا چىقارغان كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن ھور، پاشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
9. ھاجەتخانا ئەڭ مەينەت جاي، دېگەن قاراش خاتا. تەرەتنى سۇ بىلەن ماڭغۇزىدىغان ھاجەتخانا بىز ئويلىغاندىن خېلىلا پاكىز. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئائىلىدىكى كۆپلىگەن مىكروپلار ئاساسەن توڭلاتقۇنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىدا بولۇپ، بىز ئىشىلتىۋاتقان دەسمالدىكى مىكروپلار ھاجەتخانىدىكى مىكروپتىن خېلىلا كۆپ.
10. ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ بېشى يوغان كېلىدۇ، دېگەن قاراش خاتا. باشنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى ئادەملەرنىڭ ئەقىللىق بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولماستىن بەلكى، مېڭە تۈزۈلمىسى ئەقىللىق بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل. ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىنى نېرۋىلىق تور بەلگىلەيدىغان بولۇپ، نېرۋىسى ئاجىز ياكى تازا ئەقىللىق ئەمەس كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەلۇم ئىقتىدارى ئۆلگەن، شۇڭا باشنىڭ چڭ –كىچىكلىكى ئەقىللىق بولۇش - بولماسلىقنى بەلگىلىيەلمەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved