ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر شوپۇر پىيادىلەر يولىدا سۈرئەتنى ئاستىلاتماي تۆت ئادەمنى سوقۇۋەتتى

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى 17-مارت ۋەقە ئۇقتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ يېقىندا شىخۇڭ شەرقىي يولىدا بىر ئاپتوموبىل پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلاتماي تۆت ئادەمنى سوقۇۋەتكەنلىكىنى، ۋەقەگە چېتىشلىق بۇ شوپۇرنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
17-مارت مۇخبىرنىڭ قاتناش ساقچىلىرى سۈرەتكە ئېلىۋالغان نازارەت قىلىش ۋىدېئو چاستوتىدىن كۆرۈشىچە، 10-مارت سائەت 12:30 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ شەرقىي يولى بىلەن خېشۈن 5-كوچىسى يول ئېغىزىدا، بىر نەچچە پىيادىلەر جەنۇبتىن شىمالغا ئۆتىدىغان پىيادىلەر يولىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، شەرقتىن غەربكە قاراپ ماڭغان قارا رەڭلىك بىر پىكاپ توختاپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن قىزىل رەڭلىك بىر پىكاپ ئالدىدىكى پىكاپقا سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن رولنى دەرھال سولغا بۇراپ پىيادىلەر يولىغا كىرىپ تۆت ئادەمنى سوقۇۋەتكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن يول ئېغىزىدا پىيادىلەر يول چىقىرىقى يوق ئىكەن. بەختسىزلىككە ئۇچرىغان تۆت ئادەمنىڭ يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككىيلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ. ۋەقەگە چېتىشلىق شوپۇر شۆ XX نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا بەك يېقىن ئەگىشىۋالغان، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل تۇيۇقسىز تورمۇز قىلىپ توختىتىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەرھال رولنى بۇرىغان، ئويلىمىغان يەردىن پىيادىلەرنى سوقۇپ قويغان.
بۇلاقتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈن شىڭجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ۋەقەگە چېتىشلىق ئاپتوموبىل بەلگىلىمە بويىچە پىيادىلەر يولىغا يېقىنلىغاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ جىددىي تەدبىر قوللانمىغان، شۇڭا شوپۇر شۆ XX بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىكەن ھەمدە يارىدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن شىخۇڭ شەرقىي يولىدا قوش يۆنىلىشتە سەككىز ئاپتوموبىل قاتنايدىغان، سايباغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى، ساي يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا تۇتىشىدىغان مۇھىم يول ئىكەن، يول ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئاپتوموبىل كۆپ، ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تېز ئىكەن . قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىللارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپلىك يول يۈرۈشى ئۈچۈن 2013-يىلى بۇ يول بۆلىكىدىكى پىيادىلەر يولىغا پىيادىلەر يولى بەلگىسى ۋە يول چىرىغى ئورناتقان. گەرچە شىخۇڭ شەرقىي يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتناش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالغان، بۇلتۇر موشۇ يول بۆلىكىدە بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئادەم قازا قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ۋەقە بۆلۈمىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2014-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەلىرى ئىچىدە، بەلگىلىمە بويىچە پىيادىلەرگە يول بەرمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسى 190 قېتىم بولۇپ، 50 ئادەم قازا قىلغان، 192 ئادەم يارىلانغان.



خەتكۈچلەر:
20-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek