جۇڭگو ئاخبارات تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 21- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكى 50- تۈركۈمدىكى دۇنباس رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماددى ئەشياسى يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللىگەن.
رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ كاتىپى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 50- تۈركۈمدە ئوكرائىنانىڭ دونىتىسكى ۋە لۇگەنسىك رايونىغا قۇتقۇزۇش ماددى ئەشياسى يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى موسكۋا شەھەر ئەتراپىدىكى نوجىسكى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن روستوف ئوبلاستىغا قاراپ يولغا چىقتى.
جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكلىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روستوفتىن يولغا چىققان ئاپتوموبىل ئەترىتى رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىكى دونىتىسكىنى قۇتقۇزۇش مەركىزى ۋە باشقا رايونلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن تەشكىللەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ماددى ئەشيالىرى كونسىرۋا، ئۇن، شېكەر، دانلىق زىرائەت، ماي، مېۋە شەربىتى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ۋە يەنە ئەتيازلىق تېرىقچىلىققا ئېھتىياجلىق ئۇرۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved