2015-يىلى 2-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 44-باشلانغۇچ مەكتەپ ئىللىقلىققا تولدى. ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئەپەندى ۋە بۇ كوللىكتىپنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇراخمان ئەپەندى ھەمراھلىرى بىلەن 44-باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ سەبىيلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى.
«ئابدۇراخمان» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرېكتورى ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ مەكتەپتىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، قائىدە-تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 30 ئوقۇغۇچىغا 18 مىڭ 200 يۈەن قىممىتىدىكى قولدا تىكىلگەن، خۇرۇم ئاياغلارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنى ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈردى.
ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئەپەندى «ساخاۋەتچى ئاتىلار» كوللىكتىپىغا ۋاكالىتەن بۇ 30 ئوقۇغۇچىنىڭ كىتاب ۋە سۇغۇرتا پۇلى ئۈچۈن 6000 يۈەن ئىئانە قىلدى. پائالىيەتتە ھەسەنجان ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئوقۇش، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈش ھەققىدە ناھايىتى ياخشى تەربىيە بەردى.
44-باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى خەدىچە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئابدۇراخمان دادام تىككەن بىر جۈپ ئاياقنى تاپشۇرېۋىلىپ بەك خۇشال بولدۇم، بۇ قىشتا پۇتۇم توڭلىمايدىغان بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇيمەن». 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ما ليەنشياڭ مۇنداق دېدى: « بۈگۈن ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى، مەن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ساخاۋەتچى ئاتىلاردەك باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىپ ياشايمەن». «ئابدۇراخمان» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرېكتورى ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيۈمگە يېقىن جايدا مەكتەپ بولمىغانلىقتىن ئوقۇيالمىغان ئىدىم، كېيىن ئوقۇشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەمما ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بالىلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلىدىم».
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved