مىسىردا 4200 يىل ئىلگىرىكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ئايالنىڭ قالدۇق سۆڭىكى بايقالدى
‹‹پايدىلىنىش خەۋىرى تورى›› نىڭ 25-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە جائەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئەترىتى 4200 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر ئايالنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغان، مىسىرلىقلار بۇنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغۇچى دەپ قارىغان.
تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ قالدۇق سۆڭەكلەرنى ئاسۋان شەھىرىنىڭ غەربىدىكى كۇببىت قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن بايقىغان بولۇپ، بۇ ئايال مىسىرنىڭ ئالتىنچى خاندانلىقىدا ياشىغان ئېسىلزادىلەردىن ئىكەن. بۇ ئايالنىڭ قالدۇق سۆڭىكى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاسار-ئەتىقە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى مامدۇخنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قالدۇق سۆڭىكى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئۇنىڭ سۈت بېزى راك ھۈجەيرىسى پۈتۈن بەدەنگە تارقالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، راك كېسىلى ھازىرقى دەۋردە دۇنيا بويىچە ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولىدىغان نەچچە چوڭ سەۋەبنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە بۇ توغرىلىق ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغان. شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەر راك كېسىلىنى ھازىرقى زامانغا تەۋە كېسەل دەپ قارىغان. ئەمما ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئالدىنقى يىلى سۇدان دۆلىتىدىكى بىر قەبرىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يۆتكىلىشچان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىرىنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغان، بۈگۈنكى كۈندە ئىسپانىيە جائەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار 4200 يىل ئىلگىرىكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ئايالنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئەينى زاماندا نىل دەرياسى ئەتراپىدا ھەقىقەتەن راك كېسلى مەۋجۇت بولغان.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى ئەڭ بۇرۇن بولغان توختام ...
|
 |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.
1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
|
 |
لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
|
 |
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
|
 |
شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
|
 |
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى.
بۇنىڭدىن...
|
 |
ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
|
 |
بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
|
 |
يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
|
 |
يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
|