يەر شارى تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
فرانسىيە رادىئو ئىستانسىسنىڭ 20- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىرىنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىكى بىر ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى تېررورچى ئۇنسۇرلانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 15 ساقچى قۇربان بولغان، كېيىن « شام ئىسلام دۆلىتى » تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى مىسىرنىڭ سىناي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئەلئەرىش ئەتراپىدىكى بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسى ئەتراپىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەسلەپتە 13 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 20- مارتقا كەلگەندە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 15 كە يەتكەن. مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەش نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان.
بۇندىن ئىلگىرى مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېررورچىلارنىڭ مىناميوت ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما تېررورچىلار ئۇلارنىڭ ئۆزنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى، ئاۋال قاراۋۇلخانا ئەتراپىدا پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ، ئاندىن باشقا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved