جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيەنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىكى قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى سالىھ ئەسلىدە ئۆزىنى پارتلاتماقچى بولغانلىقىنى، كېيىن نىيىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
سالىھ شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېلگىيەدە قولغا ئېلىندى. بېلگىيە تەپتىش ئىشخانىسى سالىھنى ئەيىبلەنگەن جىنايەتلەر تېررورلۇققا ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە، تېررورلۇق تەشكىلات پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
سالىھنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالىھ بېلگىيە ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىكەن، ئەمما بېلگىيە سوتىدىن ئۆزىنى فرانسىيەنىڭ سوتلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.
پارىژ تەپتىش ئەمەلدارى مورىنسى مۇخبىرلار يىغىنىدا:«سالىھ بېلگىيەنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا دېيىشىچە، ئۇ ئەسلىدە فرانسىيە پۇتبول مەيدانى ئىچىدە بومبىنى پارتلاتماقچى بولغان، كېيىن چېكىنىپ چىققان» دېدى.
ئۇ سالىھنىڭ ئىقرارنامىسىگە چوقۇم ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
26 ياشلىق سالىھ بېلگىيەدە تۇغۇلغان فرانسىيە پۇقراسى، قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى قېچىپ يۈرگىلى 4 ئاي بولغان ئىدى.
تەكشۈرۈش خادىمى سالىھ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرىنى، مەسىلەن مالىيە مەنبەسى ۋە پىلانى قاتارلىقلارنى تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved