‹جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى› نىڭ مىكروبىلوگ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، شېنجىن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ‹20-دېكابىر› تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى ئۆتكۈزگەن 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شېنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى-ما شىڭرۇي، شەھەر باشلىقى-شۈ چىن قاتارلىقلار ئېگىلىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغان. شېنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى-ما شىڭرۇي شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋەكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، شېنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەگە قارىتا بېكىتكەن ۋەقە خاراكتېرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا يەنە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كىمنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم بولسا شۇ كىشىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گوۋۇيۇەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىم يۈز بەرگەن گۈمۈرۈلۈش ئاپىتىنىڭ ھەرگىزمۇ تاغ گۈمۈرۈلۈشتەك تەبىئىي ئاپەت بولماستىن بەلكى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى تاش-توپىلاردىن دۆۋىلەنگەن دۆۋىنىڭ سىيرىلىپ چۈشۈشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەبىئىي ئاپەت بولماستىن بەلكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەنىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved