دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى «تۆمۈر خوتۇن» ساچېر خانىم

‹‹تۆمۈر خوتۇن›› ساچېر خانىمنى بىلەمسىز؟

      دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مەشھۇر سىياسىيون، قابىل رەھبەر، باشقىلار تەرىپىدىن ‹‹تۆمۈر خوتۇن›› دەپ نام ئالغان ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچېر خانىم ھەممىمىزگە تونۇشلۇق. ئۇنىڭ قىسقىچە ھايات تارىخىدىن خەۋەردار بولۇپ قويۇش بىزگە ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

    ساچېر خانىم (تولۇق ئىسمى: مارگارىت ھىلدا ساچېر بولۇپ، ئادەتتە ساچىر خانىم دەپ ئومۇملاشقان) 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان. 1943-يىلى ئوكسىفورت ئۇنىۋېرسىتېتى سومىرۋېل قىزلار ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى مەزگىللىرىدە كونسېرۋدتىپلار پارتىيەسىگە كىرگەن ھەمدە ئوكسىفورت ئۇنىۋېرسىتېتى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

  1947-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە ئىككى ئائىلە خىمىيە شىركىتىنىڭ خىمىيە تەتقىقاتچىسى بولغان، بوش ۋاقىتلىرىدا قانۇن ئوقۇغان، 1953-يىلى لىنكولىن ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئادۋوكات بولغان.

  ساچېر خانىم 1959-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1961-يىلى سۇغۇرتا مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان.

   1964-يىلى ئاۋام پالاتاسى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى رەتتىكى باياناتچىسى بولغان.

   1970-يىلى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ۋەزىرى بولغان.

  1975-يىلى 2-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى بولغان.

  1979-يىلى 5-ئايدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلغان، ساچېر خانىم ۋەزىرلىكنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش ۋەزىر بولۇپ قالغان.

  1983-يىلى 6-ئايدا ۋە 1987-يىلى 6-ئايدا ئۇدا باش ۋەزىر بولغان.

  1990-يىلى 11-ئايدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.

  1992-يىلى 6-ئايدا ئۆمۈرلۈك ئاقسۆڭەك بولۇپ تەيىنلەنگەن.

  1993-يىلى 5-ئايدا ۋېلليام ــ مارىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ 21-نۆۋەتلىك پەخرى مۇدىرى بولغان.

  2005-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 80 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن، سىياسىي ساھەدىكى دوستلىرى بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى دوستلىرى بولسۇن ھەممىسى كېلىپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەن.

ساچېر خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹دوۋرىڭ كوچىسىدىكى كۈنلەر›› بار بولۇپ، بۇ ئەسىرى ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ ـــ ‹‹گارتېر چەۋەنداز ئوردېنى››غا ئېرىشكەن.

  ئەنگلىيە نوپۇزلۇق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى لورد سپايكېرنىڭ يېڭى كىتابى ـــ ‹‹سپايكېرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى››دە خاتىرىلىنىشىچە، ساچېر خانىمنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئېرى دېنىس باشتىن-ئاخىر ئۇنى قوللاپ كەلگەن. ئەمما دېنىس 2003-يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تازا ياخشى بولماي قالىدۇ. ساچېر خانىم ھازىر ياشىنىپ پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغلى مارك ئالتە ھەپتىلەردە بىرەر قېتىم ئاپىسىنى يوقلاپ كېلىدۇ، قىزى كارول بەزىدە نەچچە ئايلارغىچە ئاپىسىنى يوقلاپمۇ كەلمەيدۇ. ساچىر خانىم ئىلگىرى: ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا، ئائىلىسى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ سىياسىي بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



خەتكۈچلەر:
05-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    بۈگۈن ئۇچۇر بەرگۈچىلەر تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىغا ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ۋاڭ جەن كەسپىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، بەيدۇ شىركىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خىزمەتتىن ھەيدەلگەن....
01-05-2016
    1953-يىلى 5 –مارتتا سىتالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ،جەسىتى خىرىسال ئۈكەككە سېلىنىپ،لېنىن ماۋزۇلىغا قويۇلغان،ئەمما سىتالىننىڭ جەسىتى لېنىن ماۋزۇلىدا پەقەت سەككىز ئايلا تۇرغان.1961-يىلى سىتالىننىڭ جەسىتى يۆتكىۋېتىلگەندى...
01-05-2016
   29-ئاپرىل كۈنى، ئۇكرائىنادىكى سابىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېلىش تۈرى ئالتۇن مېدال ساھىبى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش جىنايىتى سەۋەبىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان بولۇپ، بۇ ئەر ماشىنىدىن چۈشۈپ ساقچىلار بىلە...
01-05-2016
    پروگىراممىر نىك لى (Nick Lee) ئالما Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىدە ئىقتىدارى تولۇق Windows 95 سىستېمىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلدى. Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىدە Windows 95نىڭ ئىشلىتىلىشى...
01-05-2016
    ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام نامزاتى دونالد ترامپ ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى سان فىرانسىسكودىكى خەلقئارا ئايرودروم ئەتراپىغا جايلاشقان بۇرلېنگىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ رىقابەت سايلىمى يىغىلى...
30-04-2016
    ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە، جۇڭگونىڭ جامائەت پىكرى سورۇنىدا بولۇپمۇ ئالاقە تورىدا بىر يېڭى تېما كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ بولسىمۇ  «تور ئارقىلىق ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش». جۇڭگو پۇقرالىرى ...
30-04-2016
   4-ئاينىڭ 30-كۈنى، «1- ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، خۇنەننىڭ جاڭجياجيېدىكى باۋفېڭ كۆلىنىڭ تېگىنى تازىلىغۇچى گاۋجيەن كۆلنى تازىلاۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، باۋفېڭ كۆلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە كېلىدىغان بو...
30-04-2016
     چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى بىر بانكا 27-ئاپرېل بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان، قورال كۆتۈرىۋالغان بۇلاڭچى زور مىقداردىكى نەق پۇلنى بۇلىغاندىن كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ پۇللارنى كوچىغا چېچىۋەتك...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇھەممەتجان روزى خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى 28-ئاپرېل ئايكۆل يېزا ئۇشتۇرما كەنتىدە «ياشلىق باھارىنى ئۇرغىتىپ، گۈزەل ئارزۇلارنى قاناتلاندۇرايلى» تېمسىدا قوش تىلدا ناخشا ئې...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرالىيە پات يېقىندا تۇنجى لېگو دۇكىنى (Lego Shop) نى كۈۋىنىسلەند چۈش دۇنياسى (Queensland Dream World) ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەخس...
Powered by Leglek