سونىينىڭ يېڭى يانفونى Xperia C6 نىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

      سونىي 2016-يىللىق CES يەرمەنكىسىدە گەرچە يېڭى يانفون ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى يانفونى ئۇزۇنغا قالماي بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. تۈنۈگۈن، بىر تورداش ئۈندىداردا سونىي ماركىسىدىكى بىر سىرلىق يانفوننىڭ ئوغۇرلۇقچە تارتىلغان سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىغان، بۇ يانفونغا ئادەتتىكىدىن چوڭراق ئېكران سەپلەنگەن، رامكىسى دەرىجىدىن تاشقىرى تار لايىھەلەنگەن بولۇپ، Xperia C6 Ultra دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا، بۇ ئاساسلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىستېمال بازىرىنى نىشانلىغان يانفون بولۇپ، كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلىدىغان MWC چوڭ يىغىنى مەزگىلىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن.


       سۈرەتكە قارىغاندا، بۇ يېڭى يانفون ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىدا لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىرتقى شەكلى سونىي ئىلگىرى بازارغا سالغان Xperia C5 Ultra بىلەن ئاز-تولا ئوخشىشىپ قالىدىكەن، شۇڭا، كىشىلەر بۇ يانفوننىڭ ئىسمى Xperia C6 Ultra بولۇشى مۇمكىن دېگەن.

      ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۈندىداردا تارقالغان ئۇچۇردا بۇ يانفوننىڭ باشقا جەھەتتىكى تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان. بەزىلەر بۇ يانفونغا ئەسلى ھالەتتىكى ئاندىرويىد سىستېمىسى قاچىلانغانلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ پات-ئارىدا ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى، ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلىدىغان MWC چوڭ يىغىنىدا ئاندىن ئۆزىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى قىياس قىلغان.

      تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، دائىم ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدىغان upleaks ئىسىملىك مىكرو بىلوگ ئابونتى سونىينىڭ بۇ يېڭى يانفونى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يانفوننىڭ ئىچكى قىسىمدا «Ukelele» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا لىيەنفاكې MT6755 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا Xperia C6 بارلىق تورنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. MT6755 بولسا لىيەنفاكې شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان Helio P10 ناملىق بىر تەرەپ قىلغۇچ بولۇپ، ھازىر كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرىپ بولغانىكەن. بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ +28nm HPC ھۈنەر-سەنئىتى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    گەرچە Galaxy J تۈرىدىكى ۋە Galaxy A يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلار ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بازىرىدا ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، سامسۇڭنىڭ شىياۋمى ۋە مېيزۇ شىركەتلىرىنىڭ م...
06-05-2016
    چەت ئەل تارتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئالاقە تورى فىنلاندىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ تور سېستىمىسىدىكى نۇقساننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن.  &...
06-05-2016
    جۇڭگو نۇسخىسىدىكى HTC 10 يەنى LifeStyle سىنەپدراگون 652 نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆپلىگەن تەنقىدكە ئۇچرىدى، چەتئەللىك تورداشلارمۇ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلدى، بۈگۈن كۆپلىگەن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى...
06-05-2016
    جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزى رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-فىرانسىيە يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھەمكارلىق ھەپتىلىكى بۇ ھەپتە ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىلازما فىز...
06-05-2016
    بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.     «چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
06-05-2016
تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىيفون ئىنتايىن ئومۇملاشتى، ئەمما كۇنۇپكىلىق تېلېفون يەنىلا مەلۇم بازارغا ئىگە. مىكروسوفىت ئالدىنقى يىلى چىقارغان NOKIA 230 ئەمەلىي بولغان باھاسى ۋە دەرىجىدىن تاش...
05-05-2016
     6-ئايدىكى ئالما WWDC ئاچقۇچىلار يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، iOS 10 غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ھازىر چەتئەل تاراتقۇلىرى چىقارغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالما iOS 10 دا بىر مۇھىم تەڭشە...
05-05-2016
    ئەنگىلىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار 3- ماي گۇگولنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىركەتنىڭ بىمارلار ھېچنىمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەنگىلىيەدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدىن 1 مىليون 600 مىڭ بىمارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن.  ...
05-05-2016
    خوڭجى (Acer) بۇ ھەپتە دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىدىكى Aspire V17 Nitro Black خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرغا Win10 سىستېمىسى قاچىلانغان، سېتىلىش باھاسى 1069.99 دوللار (خەلق پۇلىغا 6935 يۈەن) دىن با...
05-05-2016
     Apple Watch بازارغا سېلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا بەرگەن تەنقىدى بىلەن ماختىشى ئوخشاش كۆپ بولدى. Apple Watch تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئىستىقبالى بار....
Powered by Leglek