يەر شارى تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىگور ئىۋانوف 19- مارت ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئوكرائىنا كرىزىسى شەرق بىلەن غەربنىڭ تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋروپادا يادرو ئۇرۇشى پارتلاش خەۋپى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېغىرلاشتى.
ئىۋانوف مۇنداق دېدى: ياۋروپادا يادرو قورالى ئىشلىتىپ تىركىشىش خەۋپى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكىدىنمۇ ئېغىرلاشتى، ئىۋانوف 1998- يىلدىن 2004- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، ئۇ ھازىر رۇسىيەدە قۇرۇلغان بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى.
ريېتىر ئاگنېتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: گەرچە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا يادرو قورال ئىسكىلاتىنى قىسقارتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەدىمى بەك ئاستا بولدى. ستوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى 1- ئايغا قەدەر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەر قايسىسى ئېگە بولغان يادرو ئوق بېشىنىڭ سانى 7000 دانىدىن ئېشىپ، پۈتكۈل يەر شارىدىكى يادرو ئوق بېشى سانىنىڭ %90 تىنى ئىگىلىگەن.
ئىۋانوف بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقاندا مۇنداق دېگەن: گەرچە بىز ئېگە بولغان يادرو ئوق بېشى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما يادرو ئوق بېشىنى ئىشلىتىش خەۋپى بارغانسېرى زورايماقتا. بۇنداق بولۇشى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورنىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved