رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە سۇرىيەدىكى بەش ئايدىن ئارتۇق ھەربىي ھەرىكەتكە جەمئىي 33 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) سەرپ قىلدى.
كرېمىل سارىيى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ھەربىيلەرگە دۆلەت مېدالى تارقاتقان. ئۇ، سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيان، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەر كۈنى 60 قېتىمدىن 80 قېتىمغىچە بولغان ئۇچۇش قېتىم سانى تۆۋەنلەپ، ھەر كۈنى 20 قېتىمدىن 30 قېتىمغىچە بولدى. ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئارتۇقچە بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارىمۇ رۇسىيە بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمىگە ئۇيغۇن، دەپ كۆرسىتىلدى.
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە ئارمىيەسى سۇرىيە چىگراسى ئىچىدىكى « ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى باشلىدى. پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى، 15-مارتتىن باشلاپ، رۇسىيەنىڭ ئاساسىي ئەسكىرىي كۈچىنى سۇرىيەدىن چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved