ئامېرىكا ئايروپىلان يوقاپ كېتىش ھادىسىسىنى تېرورچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلماقتا
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ( FBI ) مالايسىيە ئايروپىلان يوقاپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو شىركىتى( NBC ) نىڭ سائەت 0 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن:« مالايسىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ تىزىملىكىدە بىر نەپەر ئىتالىيە پۇقراسى ۋە بىر نەپەر ئاۋستىرىيە پۇقراسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئايروپىلانغا چىقمىغانلىقى ئىسپاتلاندى، بۇ ئىككى نەپەر يولۇچىنىڭ پاسپورتى ئوغۇرلانغان. شۇڭا بۇ ھادىسىنىڭ تېرورچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقى ئادەمنى ساراسىمىگە سالىدۇ، ئامېرىكا تەرەپ ھازىر مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋەرلەر تورى ( CNN ) نىڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-مارت ئاۋستىرىيە ۋە ئىتالىيە ئەمەلدرلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئېتىلىشىچە، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئېلان قىلغان يوقالغان ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچى ھەم ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىدە ئاۋستىرىيەلىك ۋە ئىتالىيەلىك يولۇچى ئەمەلىيەتتە ئايروپىلاندا يوق ئىكەن. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن، ئاۋستىرىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئيتىشىچە، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئېلان قىلغان يوقالغان ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچى ھەم ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىدىكى ئاۋستىرىيەلىك يولۇچى ئايروپىلانداق يوق، مەزكۇر يولۇچىنىڭ پاسپورتى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئوغۇرلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە ئەنسا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بېيجىڭغا ئۇچىدىغان MH370 قېتىملىق ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ تىزىملىكىدىكى بۇيىل 37 ياشقا كىرگەن ئىتالىيەلىك يولۇچى لۇگى مارالدىنىڭ ئايروپىلاندا يوقلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. ئىتالىيە « جۇمھۇرىيەت گېزىتى » تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاللىقاچان مەزكۇر ئىتالىيەلىك بىلەن ئالاقىلاشقان، لۇگى مارالدىمۇ ئىتالىيە ۋاقتى چشتىن بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلىفۇنلاشقان ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ھازىر تايلاندتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن. ئىتالىيەلىك لۇگى مارالدىنىڭ پاسپورتى 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تايلاندتا ئوغۇرلانغان، ئاندىن ئىتالىيەگە قايتىپ يېڭىدىن پاسپورت بېجىرىپ ئاندىن تايلاندقا يېنىپ كەلگەن.ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق بولسا باشقىلار ئۇنىڭ يۈتۈپ كەتكەن پاسپورتى ئارقىلىق ئايروپىلانغان چىققان بولۇشى مۇمكىن. مالايسىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ 239 ئادەم ئولتۇرغان بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى مالايسىيە پايتەختى كۇئالالامپۇردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ ئايروپىلان ئەسلىدە كۇئالالامپۇردىن ئايرىلغاندىن كېيىن شۇ يەر ۋاقتى شەنبە كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.ئايروپىلاننىڭ ئەسلى قونۇش ۋاقتى 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىدى. مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە شۇ كۈنى كەچ MH370 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى 227 نەپەر يولۇچى ھەم 12 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلنغان. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇق يولۇچى 154 نەپەر ( بىر نەپەر تەيۋەنلىك يولۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مالايسىيەلىك يولۇچى 38 نەپەر، ھىندىنوزىيىلىك يولۇچى 7 نەپەر، ئاۋستىرالىيەلىك يولۇچى 6 نەپەر، ھىندىستانلىق يولۇچى 5 نەپەر، فىرانسىيەلىك يولۇچى 4 نەپەر، ئامېرىكىلىق يولۇچى 3 نەپەر، يېڭى زىللاندىيىلىك يولۇچى2 نەپەر، ئۇكرائىنالىق يولۇچى 2 نەپەر، كانادالىق يولۇچى 2 نەپەر، گوللاندىيەلىك يولۇچى 1 نەپەر، روسىيىلىك يولۇچى 1 نەپەر، ئاۋستىرىيىلىك يولۇچى 1 نەپەر، ئىتالىيىلىك يولۇچى 1 نەپەر. 12 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى مالايسىيەلىك. (يەر شارى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى)


10-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek