شىنخۇا تورى 19- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان 19- مارت چۈشتىن كېيىن برازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر سان پاۋلۇنىڭ شىمالىي قىسىمىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 7 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
برازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، CA-9 تىپلىق بىر ئايروپىلان شۇ كۈنى سان پاۋلۇ شەھىرى ئىچىدىكى كامپېدىمارت ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا چۈشۈپ كېتىپ، بىر ئۇچقۇچى ۋە ئايروپىلاندىكى ئالتە يولۇچىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدە يەنە يەردىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا ۋەيران بولۇپ، بىر ئادەم يارىلانغان.
برازىلىيە خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ماتېرىياللىرىدا كۆرستىلىشىچە، بۇ ئايروپىلان برازىلىيەدىكى كانچىلىق ماگىناتى لورى ئاگىنىلنىڭ ئىكەن. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، قازا قىلغۇچىلار ئىچىدە ئاگىنىل، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئوغلىمۇ بار ئىكەن. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىمىگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved