پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【بارسېلونا كۇلۇبى 5-1 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. مېسسى قالپاق كەيدى】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچە سائەت 0:00 ئۆتكەندە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 14-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانى نوكامپۇد تا ئۆتكۈزۈلدى. بارسېلونا كۇلۇبى ئز مەيدانىدا ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا ئاۋۋال بىر توپ كەتكۈزۈپ ئاندىن ئارقىمۇ ئارقا بەش توپ كىرگۈزدى.مېسسى ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق كەيدى. پىك، پېدرو قاتارلىقلار بىردىن توپ كىرگۈزدى. بارسېلونا كۇلۇبى 5-1 نەتىجە بىلەن گاتىرونىيا رايۇنى دېربىسىدا ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
【ئىنتىر مىلان كۇلۇبى 1-2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى. بىرلەشمىدە ئۇدا بەش ئايلانما غەلبە قىلىپ باقمىدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چ4-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى مىياچىر توپ مەيدانىدا ئوينالدى. ئىنتىر مىلن كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ئالدىنقى ئىنتىر مىلان كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى سىتراما جونى مەشقاۋۇللۇقىدىكى ۋۇدىنىس كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا گورلىن ياردەمچى پاس بەردى. ئىكاردو بىر توپ كىرگۈزدى. ئىنتىر مىلان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا فېرناندىس ۋۇدىنىس كۇلۇبى ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۇۋېلىپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. تەيلور بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋۇدىنىس كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن ئېشىپ كەتتى. ئاخىرىدا ئىنتىر مىلان كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمىدە بەش مەيدان ئۇتالماسلىقتەك ناچار تارىخ ياراتتى.
【ئا س مىلان كۇلۇبى مېھان مەيداندا 0-1 نەتىجە بىلەن گېنوۋا كۇلۇبىغا ئۇتتۇردى. مېھمان مەيداندا مەغلۇپ بولماسلىق تارىخى ئاخىرىلاشتى.】
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 14-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى گېنوۋا كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئا س مىلان كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئاخىرىدا ئانتونىل نىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا كىرگۈزگەن بىر توپى بىلەن گېنوۋا كۇلۇبى ئا س مىلان كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. ئا س مىلان كۇلۇبى ساقلاپ كەلگەن مېھمان مەيداندا ئۇتتۇرماسلىق تارىخىمۇ ئاخىرلاشتى.
【ناپالوس كۇلۇبى 2-2 نەتىجە بىلەن ئىمبورى كۇلۇبى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 2-0 ھالەتتىن ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ تەڭلىشىۋالدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:30 ئۆتكەندە، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 14-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ناپالوس كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئىمبورى كۇلۇبىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا ناپالوس كۇلۇبى ئىككى توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا نومۇرنى 2-2 تەڭلەشتۈردى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved