ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھازىرقى جەمئىيەتتىكى كەسكىن خىرىس ۋەز تېز تۇرمۇش رېتىمى روھىي بېسىمىمىزنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ ،بۇنداق بېسىمنى قانداق يەڭگىللىتىش كېرەك ،كورىيەدىكى بىر ئادۇۋكات ئۆزگىچىلىك يارىتىپ ،تۈرمە ئاساسىي تېمىسىدا بېسىمنى چىقىرىپ تاشلاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى ،بۇ زادى قانداق جاي ؟
بېسىمنى چىقىرىپ تاشلاش مەركىزى كورىيە كۇڭچۈن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا بۇلۇپ ،سىئۇلغا يۈز كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ .شۇنداقلا بىر قارىغاندا ئۇنىڭ ئادەتتىكى تۈرمىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق .ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن ھامان يېنىمىزدىكى يان تېلېفون قول سائەت قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك .
تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرى ئارقىدىنلا بىر تۇتاش فورما تارقىتىپ بېرىدۇ ،فورمىنى يۆتكىگەندىن كېيىن جازا ئۆتەشنى كۈتىدۇ ،ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش جازا ئۆتەش بىر ئادەمنىڭ بى ئېغىز تازىلىق ئۆيى سۇ كۆلچىكى ۋە ئۈستەل بار بولغان ئۆيدە تىنىچ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىشى كىشىلىك تۇرمۇش ئۈستىدە ئويلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرمىدە يەنە بەزى كوللېكتىپ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدۇ . سىناپ باققان نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق تۈرمىدە ئۆزلىرىنىڭ قەلبىدىكى تىنچلىقنى تاپقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن :‹ پائالىيتىمىزنىڭ چەكلەنگىنى مېنى سەل ئازابلىغىنى بىلەن يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا بۇنىڭ ماڭا ئىنتايىن كۆپ پايدىسى بولدى ،چۈنكى تىنىچ ئولتۇرۇپ ئۆتكەننى ئويلايدىكەنمەن ھەمدە ئۆزۈم بىلەن سۆزلىشەلەيدىكەنمەن . ›دېدى ،
تىنىچ ئولتۇرۇپ ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز دەل بۇ تۈرمىنىڭ قۇرغۇچىسى چۈەن يۇڭشىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى .كىشىلەر داۋاملىق كېيىنكى كۈنلىرىنى ئويلايدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆتمۈشنى ئويلىمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆتكەن كۈنلەرنىمۇ ئويلاپ قۇيۇش كېرەك .
كېيىن سىناپ باققۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن بۇ تۈرمە شەكلىدىكى بېسىمنى چىقىرىپ تاشلاش مەركىزى يەنە سىنىغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى بىر قېتىم يان تېلېفونغا قارىشىغا يول قويغان ،ھازىر سىنىغۇچىلار تۈرمىدە بىر قېتىمدا ئىككى كېچە كۈندۈز تۇرىدۇ ،بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەت تەخمىنەن 150مىڭ ۋون يەنى 910 يۈەن بولدۇ .
لەۋ تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved