ئېچىلىۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.
فان ئافرىقا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى ئىبود مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان بىر مەيدان چېرىكلىككە قارشى كۈرىشىنى قوزغاپ چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالدى، بىراق يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، دۆلەتنى قانۇن بويىچى ئىدارە قىلغاندىلا، ئاندىن چىرىكلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.
پاكىستان جۇڭگو كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى فىزار، راخمان مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسلىق قارالما قىلىدۇ. بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
فىرانسىيە پارىژ سىياسىي ئىنىستوتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى بادى مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى پۈتكۈل دۇنياغا پايدىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، چىرىكلىككە قانۇن ئارقىلىق قارشى تۇرۇشى سىرتقى دۇنيانىڭ گۇمانىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان يېڭى ياۋروپا گېزىتىنىڭ باش مۇھررىرى توبو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قانۇن ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يولى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
رۇسىيە خەلق دوستلۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسورى تافروفىسكى مۇنداق دېدى: قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش، جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈچىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved