قازاق ئاگېنتلىقىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېچىلغان قازاقىستان كېڭەش پالاتا يىغىنىدا، جىنسىي دەخلى-تەرز قىلغۇچى جىنايەتچىلەرگە قارىتا خىمىيەلىك ئاختا قىلىش قانۇن لايىھەسى رەسىمىي ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ قانۇن لايىھەسى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ قىسمەن ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، جىنسىي دەخلى-تەرز قىلغۇچىلارنى جازالاش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدا، بالىلارغا بەتقىلىق قىلغان، جىنسىي تاجاۋۇز قىلغان جىنايەتچىلەرگە خىمىيىۋى ئاختا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلۈك مەجبۇرىي تەدبىرلەر قوللىنىدۇ.
قانۇن لايىھەسىدە سوت ھۆكۈمىتى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بالىلارغا جىنسىي دەخلى-تەرز قىلغۇچى جىنايەتچى سوت كۆرسەتكەن سەھىيە ئورگىنىدا ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ، خىمىيەلىك ئاختا قىلىش جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىلدىكى دورىنى ئوكۇل قىلىش پەقەت بىر قېتىملا بولىدۇ، جازالانغۇچى بۇ سەۋەبلىك تۇغماس بولۇپ قالمايدۇ.
ئالاقىدار زاتنىڭ دېيىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەن.
خىمىيەلىك ئاختا قىلىش بولسا دورا بىلەن كونترول قىلىش بولۇپ، دورىنى ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق ئەرلىك ھورمۇننى ئازايتىپ، جىنسىي ھاياجاننى كونترول قىلىدۇ. ئۇرۇقدان ياكى تۇخۇمدانىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشكە ئوخشىمايدىغىنى، خىمىيەلىك ئاختا قىلىش ھەقىقىي ئاختا قىلىش ئەمەس بولۇپ، جازالانغۇچىنى تۇغماس قىلىپ قويمايدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved