جۇڭيۇەن تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭيۇەن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 20:14 تە يوللىغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، مۇخبىرنىڭ جۇجوۋ شىلىڭ ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ،تۆت نەپەر قوي گۆشى كاۋىپى ساتقۇچى جىنايەت گۇماندارى ،بۈگۈن چۈشتىن كېيىن خېنەنلىك بىر سودىگەرنى چاناپ يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كەتكەن .جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تۆت جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان .يارىلانغۇچىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن .
ۋەقەنىڭ ئەسلى جەريانى ئېنىق چۈشەندۈرۈلمىدى ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن( 4-ئاينىڭ 7-كۈنى )سائەت 2:30دا ،جۇجوۋ شىفېڭ باغچىسىدا تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بەرگەن ،بىر توپ ئالاھىدە ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلار يولدىن تېزلىكتە ئۆتۈپ تاغقا قاراپ يۈگۈرگەن .شىفېڭ رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىنى ساقچى ماشىنىسىنىڭ ۋە ساقچىلارنىڭ ئاۋازى قاپلاپ كەتكەن .
ئەسلىدە ساقچىلار كاۋاپ ساتىدىغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاۋاتقان ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ .ئىزدەش نۇمۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved