شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا (ھاۋا بۇلۇتلۇق )چۇڭچىڭ شەھىرى يۈبېي رايونى مۇئېر بازىرىدىكى شافېڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ يرنىدىكى بىر كىچىك تاغ باغرىدا ، بوي ئېگىزلىكى 1.61 سانتېمىتىر كېلىدىغان بىر ئەر تەكشى تۈپتۈز ھالەتتە تۇراتتى ،4نەپەر ئىشچى تۈركۈم -تۈركۈم ھەرىنى چىقىرىپ ،قوللىرىنى سىلكىپ ھەرىنى ئۇچۇردى .ھەرىلەر ئۇدۇللاپ ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنىڭ بەدىنىگە قونۇشقا باشلىدى . بۇ تۇرغان ئار كىشىنىڭ ئىسمى يۈپىڭ ،سىچۈەن جۇنىڭلىق ،34 ياش . ئۇ ئىككى يىل ئىلگىرىمۇ ‹ھەرە كىيىمى ›كىيىپ باققان .تۈنۈگۈن ئۇ ئۆزى ئىككى يىل ئىلگىرى قالدۇرغان رېكورتىنى بۇزۇپ ،4مىلىيون 600مىڭ دانە ھەرىنى بەدىنىگە قوندۇردى .
بىر ھەپتە بۇرۇنلا يىغىپ قۇيۇلغان 28 ساندۇق ھەرە
تۈنۈگۈن ھاۋا كىلىماتى بەكلا نەم ئىدى ، شامال كۈچىمۇ بەكلا ئاجىز . سەھەر سائەت 5:20ئۆتكەندەە ،يۈپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى 5 نەپەر خىزمەتچى خادىم بىلەن بىرلىكتە ،28 ساندۇق ھەرىنى شامالدىن دالدا بولغان تاغ باغرىغا ئەكەلدى . يۈپىڭنىڭ دېيىشىچە ،ئۇ بىر ھەپتە بۇرۇنلا ھەرىلەرنى يىغىپ ، بۇ شامالدىن دالدا تاغ باغرىنى تېپىپ قويغان ئىكەن . چۈنكى شامالدىن دالدا يەرنى تاللىۋالسىلا بەدىنىگە قوندۇرغان ھەرىلەر ئاسان ئۇچۇپ كەتمەيدىكەن . ئۇنىڭ ئايالىنىڭ دېيىشىچە ، يولدىشى ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت 02:00بولغاندا ئاندىن ئۇچلاپ ئارام ئالغان ،بىر نەچچە كۈن خاتىرجەممۇ ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغان ، چۈنكى ئەتىسى ئورۇنلايدىغان ھەرە قوندۇرۇش نومۇرىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمى بەكلا ئېغىر ئىكەن . 28 ساندۇققا قاچىلانغان ھەرىلەرنىڭ سانى ، ھەر بىر ساندۇقتا 20مىڭدانە بولۇپ ،ئەگەر ئۇ مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا مۇشۇ ھەرىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز بەدىنىگە قوندۇرالىسا 112جىڭ ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرگەن بىلەن باراۋەر بۇلىدىكەن .
يۈپىڭنىڭ دېيىشىچە ، ھەرىنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن ئىش كۆرۈپ ، ئۇ ئۈچ كۈن يۇيۇنماسلىقى كېرەك ئىكەن ،بۇرۇن تۆشۈكچىسىگە پاختا سېلىۋېلىش ،پاختا تالالىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك ئىكەن .ئەگەر ئۇ بۇقېتىم غەلبە قىلالىسا ،بۇ ئۇنىڭ تۆتىنچى قېتىم ‹ھەرىدىن كىيىم ›كىيگەن بولىدىكەن .ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا ئانىسىدىن ھەرە بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن بولۇپ ،ئۇ بىرىنچى قېتىم بۇ ئىشنى سىنىغاندا 22 ياشتا ئىكەن . شۇ يىلى ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېقىش مەقسىتىدىلا شۇنداق قىلغان ،ھەمدە پەقەت ئىككى ساندۇق ھەرىنىلا بەدىنىگە قوندۇرغان . ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىم ‹ھەرە كىيىمى ›كىيىشى بولسا ،باشقىلارنى ئۆزىنىڭ راست تەبئىي بولغان ھەسەل ساتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ،ئۆز مەھسۇلاتىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغان .2012-يىلى يۈبېي رايونى ۋە تۇڭنەن رايونىدا كىيىپ باققان بولۇپ ،ئۈچىنچى قاتا ‹ھەرە كىيىمى ›كىيگەندە 15 ساندۇق ھەرىنى بەدىنىگە قوندۇرغان . بۇ قېتىم بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ قالدۇرۇپ قويغان رېكورتىنى بۇزماقچى بولدى .
16 دانە ھەرە 4مىلىيون 600مىڭ دانە ھەرىنى باشلاپ كەلدى
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا ، يۈپىڭ ئۈستىدىكى چاپانلىرىنى سېلىۋېتىپ ،كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن تەكشى تۈز ھالەتتە تۇردى . يۈ پىڭنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن ،تۆت نەپەر ئىشچى ھەسەل ھەرىلىرىنى قۇيۇپ بەردى ،ئەتراپتىكى تاماشىبىنلار ھەرىلەرنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كېتىشتى .ھەسەل ھەرىسى قاچىلانغان ساندۇقلار بىر بىرلەپ ئېچىلىشقا باشلىدى .ئوننەچچە مېتىر يىراقتىكى كىشىلەرمۇ ھەرىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇراتتى ، 20مىنوت ئچىدىلا ھەرىلەر توپىدىن ياسالغان ئىشتان پۈتۈپ چىقتى ، يۈپىڭ بولسا مىدىرلىماي تەكشى ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىۋەردى . 35 مىنوتتىن كېيىن بىر چاپان پۈتۈپ چىقتى ،ئۇنىڭ بېشىلا سىرتىدا قالغان ئىدى . ھەرىلەر ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ يۈزىگە يامىشىشقا باشلىدى .
ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يۈزىگە قونغان ھەرىلەرمۇ نەچچە قات بولۇپ كېتىشتى ،يۈپىڭنىڭ چىرايى ھەرە ئۇنىڭ يۈزىنى يېپىپ بۇلۇشتىن بۇرۇنلا تاتىرىپ كەتكەن ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى ، كېيىن ئايالى ئۇنىڭغا بىر تال تاماكىنى چىشلىتىپ قويدى ، يۈپىڭ پۈتۈن دەردىنى ئۆزى بىلىپ ، ئاغرىقنى تاماكىدىن چىقاردى . 40 مىنوتتىن كېيىن ‹ھەرە كىيىمى ›پۈتۈپ چىقتى ،يۈپىڭنىڭ ئېغىرلىقىنى چىقىرۋەتكەندە ،ئۇنىڭ بەدىنىگە قونغان ھەرىلەرنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 91.3جىڭ بولدى ،ئۇنىڭ ئايالى بىر تەرەپتىن خۇشال بولۇپ ۋارقىرىسا بىر تەرەپتىن ئېرىگە مەدەت بېرەتتى .خەلقئارا ھەرە خىزمىتى تەشكىلاتىنىڭ ھېسابلىشىچە ، بى كىلوگرام ھەرىنىڭ سانى 10دانە بولاتتى . شۇنداق بولغاندا يۈپىڭ بۇ قېتىم 4مىلىيون 565مىڭ دانە ھەرىنى بەدىنىگە قوندۇرغان بولدى .
2 سىكۇنتتا ‹ھەرە كىيمى ›نى سېلىۋەتكەندىن كېيىن ،پەقەت 20نەچە يەرنى ھەرە چېقىۋالغانلىقىنى بايقىدى
‹ئەگەر بۇ كىيىمنى كىيىش تەس دېيىلسە ،ئۇنداقتا كىيىمنى ساقلاپ تۇرۇش تېخىمۇ تەس ›.بۇ خىل كىيىمنى كىيگەندىن كېيىن ئادەم چۇقۇم بەدىنىدىكى ھەرخىل تېرە سېزىمىگە بەرداشلىق بېرىشى ، مىدىرلىماسلىقى كېرەك .
ۋاقىت بىرمىنوت بىر مىنوتتىن ئۆتۈشكە باشلىدى . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ‹ھەرە كىيمى ›نى سېلىۋېتىشىنى ساقلاپ تۇراتتى ، يۈپىڭ 3 مىنوتتىن كېيىن بېشىنى بىر سىلكىۋېدى ھەرىلەر ئۇچۇپ كېتىشتى ،ئۇنىڭ چىرايى بەكلا تاترىپ كەتكەن ئىدى ، يۈپىڭ ‹تېز تارقىلىپ كېتىڭلار ،مەن چىدىيالمىدىم › دەپ ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ۋارقىرىغاچ پۈتۈن بەدىنىنى سىلكىۋېدى ، ھەرىلەر پۇررىدە كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇپ كېتىشتى . قىسقىغىنا ئىككى سىكۇنتتا ئۇ پۈتۈن ھەرىدىن ياسالغان كىيمىنى سېلىۋەتتى .ھەرىلەر بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرىشەتتى .
يۈپىڭ ئۈنلۈك ۋارقىراپ ‹مەن ئازاد بولدۇم ،ئەگەر يەنە بىر سېكۇنت ئارتۇق بولۇپ كەتسە مەن بەرداشلىق بېرەلمەيتتىم ›دېدى . مۇخبىرلار قارىۋېدى ، ئۇنىڭ مەيدىسى ۋە دۈمبىسىدە ھەرە چېقىۋالغان ئورۇنلار بەكلا كۆپ ئىدى .
يۈپىڭ مۇنداق دېدى :‹40 مىنوت مىدىرلىماي تۇرۇپ بەكلا بىئارام بولدۇم ، يەنە كېلىپ تېرەم قىچىشىپ ئاغرىپ كەتتى ، بىراق ئەسلەشكە ،خاتىرە قالدۇرۇشقا ئەرزىيدىغىنى مېنىڭ ئۆزۈمنى يېڭىپ چىققىنىم ›.
ئۇنداقتا بۇ ئىشنىڭ كەينىگە قانداق قىزىقارلىق ئىشلار يۇشۇرۇنغان ؟
يۈپىڭ بەدىنىگە قوندۇرغان بۇ خىل ھەرىلەر بىر خىل ئالاھىدە تۈردىكى ھەرە بولۇپ ، ئۇلارنىڭ تەبئىيتى مۇلايىم ،ئاسانلىقچە ئادەمنى چېقىۋالمايدىغان تىپتىن ئىكەن . ئەگەر ئادەم يۇيۇنغان بولسا ، بەدىنىدىكى خۇشپۇراق ھەرىلەرنى جەلپ قىلىۋېلىپ ئاسان چېقىۋالدىكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۈپىڭ بۇ ئىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يۇيۇنۇپ باقمىغان .
ئەگەر ئوت تۇتاشتۇرۇلغان تاماكىنى ئېغىزىغا چىشلىۋالغاندا ،ھەرىلەر تاماكىدىن قورقۇپ ئېغىزنى چېقىۋالمايدىكەن .ھەرە ساندۇقىدا تۆشۈكچىلەر بولغاچقا ،ھەرىلەر تۆشۈكچىلەرگە كىرىپ چىقىشقا ئادەتلەنگەن ،شۇنىڭ ئۈچۈن ،يۈپىڭ بۇرۇن تۆشۈكچىسىنى پاختا بىلەن ئېتىۋالغان .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved