شەخسي كومپيۇتېر دەۋرىدە، Adobe رەسىم ۋە سىن (ۋىدېئو) تەھرىرلەش ساھەسىدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ شىركەتكە ئايلانغان بولۇپ، «رەسىم بىر تەرەپ قىلىش» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ ئېسىگە بىرىنچى بولۇپ بۇ شىركەت ياساپ چىققان Photoshop دېتالى كېلەتتى. بىراق، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىدىن يانفون ئەپلىرىگە كۆچۈشتە، Adobe شىركىتىنىڭ قەدىمى بەكلا ئاستا بولۇپ قالغان. تۈنۈگۈن Adobe شىركىتى ئاخىرى ئاندىرويىد ئابونتلىرىغا يۈزلەنگەن سىن تەھرىرلەش قورالى «Premiere Clip» نى ئېلان قىلغان.
Premiere Clip بولسا Photoshop بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان سىن بىر تەرەپ قىلىش قورالى، بۇ قېتىم Adobe شىركىتى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاندىرويىد نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇنى Premiere نىڭ ئىقتىدارى ئاددىيلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، Adobe شىركىتى ئىلگىرى ئالما iOS سۇپىسىغا يۈزلەنگەن «Premiere Clip» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بولغان، بۇ قېتىم داۋاملىق تۈردە ئۇنىڭ ئاندىرويىد نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. ئاندىرويىد نۇسخىسىدىكى «Premiere Clip» ئەپ دېتالىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، ئۇنىڭغا يانفوندىكى سىن ھۆججەتلىرىنى كېسىپ تەھرىرلەش، مۇزىكا قىستۇرۇش ۋە كۆرۈنۈشلەرنى تەڭشەش قاتارلىق كۈچلۈك ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
ئىشلىتىش تەلىپى ئانچە يۇقىرى بولمىغانلارغا قارىتا، بۇ دېتالغا يەنە «مېخانىك مەشغۇلات ئۇسۇلى» مۇ قوشۇلغان بولۇپ، ئاددىي ئۇسۇل بىلەن بىر قانچە قىسقا سىن ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قىسقا فىلىم ئىشلىگىلى، ئاپتوماتىك ھالدا مۇزىكا قىستۇرغىلى بولىدىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved