BMW i8 ئارىلاش ماتورلۇق ماشىنا تىپى، ئېغىرلىقى ئاران 1480 كىلوگىرام، ئەڭ چوڭ ئومۇمى قۇۋىتى 260 كىلوۋات، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 550 ن.م، 0-100km/h تېزلىنىشقا 4.5 سىكۇنت كېتىدۇ.
BMW i8 ئىنتايىن ئۆزگىچە، ئۇ BMW نىڭ باشقا مەھسۇلاتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان لاھىيە ئۇسلۇبىغا ئىگە، ماشىنا گەۋدىسى سىزىقچىسى ئۇنى قارىماققا كەلگۈسىدىن كەلگەن مەھسۇلاتقا ئوخشاتقان.
ماشىنا قۇيرۇقىنىڭ قىياپىتىنى i8 نىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا ھېسابلاشقا بولىدۇ، ماشىنا تورۇسى ۋە ماشىنا تۆۋىنىدىكى سىزىقچە ماشىنىنىڭ قۇيرۇق قىسىمىدا كېسىشكەن.
BMW i8 نىڭ رازمىرى 4689mm×1942mm×1299mm، ئوق ئارىلىقى 2800mm، پەقەت رازمىرىدىن قارىغاندا، ئەمىلىيەت كۆرۈش تۇيغۇسى ئۈنۈمى بىلەن ئوخشاش.
بىر يۈرۈش پوزىتسىيەسى بار مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنئەنىۋى ماشىنا ئىشىكىنىڭ ئېچىلىش شەكىلى i8 نى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، ئۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى بىر خىل تېخىمۇ مودا بولغان لاھىيە، مەسلەن «كېپىنەك قانىتى ئىشىك». لىكىن بۇنداق لاھىيە ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسىز، سىز ماشىنا توختاتقاندا ئۆزىڭىز ئۈچۈن يىتەرلىك بوشلۇققا ئېھتىياجلىق بولىسىز.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، BMW i8 غا 1.5T لىق قوش پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور ۋە بىر ئېلىكتىر ماتور سەپلەنگەن، بۇ ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 231 ئات كۈچى، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 320ن.م؛ ئېلىكتىر ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 96 كىلوۋات، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 250ن.م. ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى ئۇنىڭ ئىككى سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچىسى ماتور ۋە ئېلىكتىر ماتور بىلەن ماسلاشقان، ماتورغا ماسلاشتۇرۇلغىنى ئالتە خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك خوت بىر گەۋدىلەشكەن سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ، ئېلىكتىر ماتورغا ماسلاشتۇرۇلغىنى بولسا ئىككى خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved