جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلىگىراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: « مەركىزىي ئاگېنتلىقى »نىڭ 25 -نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان چىقىرىپ ئاۋسترالىيە دېڭىز تەۋەسىدىكى لەھەڭنىڭ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى سۇ ئۈزگۈچىلەر ۋە دولقۇن يارغۇچىلارنى قوغداشتا ئەپچىل چارە يوق، دېدى.
ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېلس ئۆلكىسى ئوتتۇرا شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر رايوندا بۇ يىل ھازىرغىچە 13 قېتىم لەھەڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
يېڭى جەنۇبىي ۋېلس ئۆلكىسى دەسلەپكى دەرىجە كەسپى نازارىتىنىڭ نازىرى Niall Blair بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز. سىناق يېڭى تېخنىكا قاتارلىق ئەڭ ياخشى ئىلمىي ئۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بىلەن دېڭىز ساھىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز.»
ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەمەلىي سۈرەتلەرنى مەشغۇلات خادىملىرىغا يوللاپ، خۇددى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسى(GPS) گە ئوخشاش، ئاۋامنى لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ۋە قوغداش، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە پايدىلىق ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، چىلىدىكى ئارىكا لالىسېرا ساھىلىغا نەچچە يۈز مىڭ تال چوڭ قىسقۇچپاقىنىڭ ئۆلۈكى چىقىپ قالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved