نېپالنىڭ شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرى كادىكا 2-ماي جۇڭگونىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ چۇنتەي بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نېپالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونىغا ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت دەپ ماختىدى.
كۆرۈشۈشتە كادىكا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى غايەت زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى، نېپالنىڭ قۇتقۇزۇش كۈچى چەكلىك، جۇڭگو دەل ۋاقتىدا نېپالنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، نېپال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپەت رايونىنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، يېقىندا يامغۇر پەسلى كىرىدۇ، پۇقرالارنىڭ چېدىر قاتارلىق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل، شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم بېرىشىنى داۋاملق كۈچەيتىپ، نېپالنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved