شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 13-دېكابىر رۇسىيە موسكۋادىكى Mega سودا سارىيىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى مال سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن لىق تولدى
يەر شارى تورى خەۋىرى: رۇسىيە ‹‹گېزىت خەۋەرلىرى›› نىڭ 16-دېكابىردىكى ماقالىسىدە دېيىلىشىچە ، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى رۇبلى قىممىتىنىڭ توساتتىن چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كىشىگە 1998-يىلدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى ئەسلىتىپ قويغان . ئەينى يىلى رۇبلى پاخاللاشقاندىن كېيىن ، نۇرغۇن رۇسىيەلىكلەر يېمەكلىك ۋە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالغان ، بەزىلەر چەت ئەل پۇلى سېتىۋالغان .
نۆۋەتتە ، تۈرلۈك ماللار سودا سارايلىرى ، ساياھەت كوپېراتىپلىرى پات ئارىدا مال باھاسىنى ، بانكىلار قەرز ئۆسۈم پىرسەنتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان . رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى ئاللىقاچان ئاساسىي ئۆسۈمنى %17 گە ئۆستۈرگەن ، بۇ 1998-يىلى مايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ھېسابلىنىدۇ .
مۆلچەرلىنىشىچە ، نۆۋەتتە كارخانا ، شىركەتلەر ئەينى يىللاردىكىدەك خادىم قىسقارتىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۈمكىنكەن ، ھۆكۈمەتمۇ نامراتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن بىشارەت بەرگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved