‹‹مۇردا ئاپتوموبىل ›› ئۇزاق مەزگىل يول بويىغا ياكى ئولتۇراق رايونغا توختىتىلىپ ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋە يوللارنى بېسىپ يېتىپ ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەندىن سىرت ، شەھەر قىياپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . 31–ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، ‹‹ مۇردا ئاپتوموبىل ›› لارنى 30 كۈن ئىچىدە يۆتكەش كېرەكلىكىنى ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاپتوموبىلنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش ئورنى سۆرەپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
شەھەر ئاھالىلىرى ‹‹ مۇردا ئاپتوموبىل ›› بايقىسا 5858110 غا تېلېفون قىلىپ ئىنكاس قىلسا بولىدۇ .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved