خەلق تورى، 30-ئاپرېل تېلېگراممىسى: 25-ئاپرېل نېپالدا 8.1 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگو چۇڭچىڭ شەھىرى يۈجۇڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق نېپال خان جەمەتى مەلىكىسى ئەكبەر گۇللىت (AkBaer Gullit) مىكروبىلوگ ئارقىلىق ۋەتىنى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلدى. بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن ئەكبەر گۇللىتنىڭ ئۆيى نېپال پايتەختى كاتماندو شەھىرىدە بولۇپ، ئۇ خان جەمەتى ئاق سۆڭەكلىرىدىن بولۇپ، چۇڭچىڭدا تۇرۇۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولغان، 2012-يىلى چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر يۈجۇڭ رايونىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
ئەكبەر گۇللىت مۇنداق دېدى: « مەن دوستلىرىم بىلەن بازار ئايلىنىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئانامنىڭ نېپالدىن ئۇرغان تېلېفۇنىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئانام ماڭا، يۇرتىمىزدا قاتتىق يەر تەۋرىدى، بەك كۆپ ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ناھايىتى جىق ئادەم يارىلاندى، بىراق بىزنىڭ تۇرالغۇمىز بىر قەدەر مۇستەھكەم بولغاچقا، ھىچ كىم يارلانمىدى، دېدى. ئەينى ۋاقىتتا تېلېفون سىگنالى ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئۈزۈلۈپ چىقاتتى، مەن تېلېفوندىن توختىماي يىغلىغان، چىرقىرىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، كېيىن تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى».
ئەكبەر گۇللىت يەنە ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ ۋەتىنى ئۈچۈن ئىئانە توپلىدى، 27-ئاپرېلغا قەدەر ئۈندىدار قىزىل بولىقى ئارقىلىق 26 مىڭ يۈەن توپلاندى، ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغۇچى 6000 مىڭ يۈەن، ئەڭ ئاز ئىئانە قىلغۇچى بىر پۇڭ ئىئانە قىلىپ، جەمئىي 115 ئادەم پۇل ئىئانە قىلدى.
ئەكبەر گۇللىت ئەسلىدە 29-ئاپرېل ۋەتىنىگە قايتماقچى بولغان، بىراق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى قازا قىلغانلىقىنى بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ۋەتەنگە قايتىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلغان. ئۇ 27-ئاپرېل بىر قىسىم نەق پۇل ئېلىۋالغاندىن باشقا، يەنە 3000 نەچچە يۈز يۈەنلىك دورا سېتىۋېلىپ، 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە چېڭدۇدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved