بالىلارنىڭ ئىپادىسىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىگە نەزەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار:

 


ئىشىنىمىزكى ، ھەربىر ئاتا-ئانا بالا تېخى قورساقتىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇنى قانداق تەربىيلەش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا باشلايدۇ،قەلبىدىكى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ”بالامنى ئەڭ ياخشىسى قىلىپ تەربىيلىسەم“ دىگەن ئۈمۈدنى شەكىللەندۇرىدۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىدۇ. لېكىن بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇسۇلى توغرا بولمىغاچقا،بالىلاردا سەلبى خاراكتىر يېتىلىپ قالىدۇ.بالىلارنىڭ سەلبى ئىپادىسىگە قاراپ ئىچى سىقىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئۆزىنى تەدبىقلاپ، ئەڭ ئاۋال ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزۈتۈپ،بالىلارغا تېخىمۇ ئازادە ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى بىرەلىسە دىگەن ئۆمۈدتە بۇ يازمىنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

 


سىزنىڭ بۈگۈنىڭىز بالىڭىزنىڭ ئەتىسىدۇر.سىز بۈگۈن بالىڭىزغا ۋارقىرىغان بولسىڭىز،ئەتە ئۇنىڭ سىزگە يېنىشىدىن ئاغرىنماڭ. بۈگۈن بالىڭىزغا سەۋىرسىزلىك قىلسىڭىز،ئەتە بالىڭىزنىڭ تاقەتسىزلىكىدىن ئاغرىنماڭ. بۈگۈن بالىڭىزنى باشقىلاردەك مۇنەۋۋەر ئەمەس دەپ تەنقىدلىسىڭىز،ئەتە بالىڭىزنىڭ سىزنى باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك ھوقۇقدار ئەمەس دەپ قاقشىشىدىن ئاغرىنماڭ. بالىڭىزنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل بولىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز،ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاجىز ھېساپلىشىدىن ئاغرىنماڭ. بالىڭىزنى ئۇرۇپ-تىللاشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز،ئۇنىڭ زوراۋانلىق ياكى ياۋايىلىققا يۈزلىنشىدىن ئاغرىنماڭ. سىز ئىشلارنىڭ چەك-چىگىرىسىنى ئايرىمىسىڭىز،ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ئاغرىنماڭ.

 

 


تۆۋەندىكىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاندىن كېيىنكى بالىلارنىڭ ئىپادىلىرى:

 

 


1.ئەگەر بالىڭىز باشقىلارنى ئەيىپلەشكە ئامراق بولسا،بۇ سىزنىڭ ئۇنى ھەددىدىن زىيادە تەنقىد قىلىدىغانلىقىڭىزدىندۇر.

 


2.ئەگەر بالىڭىز ھەممە ئىشتىن نارازى بولسا،بۇ سىزنىڭ ھەمىشە ئۇنىڭدىن قۇسۇر چىقىردىغانلىقىڭىزدىندۇر.

 


3.ئەگەر بالىڭىز قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامراق بولسا،بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىكىڭىز ۋە قاتتىق تۈزۈمىڭىزدىندۇر.

 


4.ئەگەر بالىڭىز ئاقكۆڭۈل بولمىسا،بۇ سىزدىكى ھېسداشلىقنىڭ يېتەرسىزلىكىدىندۇر.

 


5.ئەگەر بالىڭىز قورقۇنچاق،تارتىنچاق بولسا،بۇ سىزنىڭ داۋاملىق ئۇنى زاڭلىق قىلىش،ھاقارەت قىلىشىڭىزدىندۇر.

 


6.ئەگەر بالىڭىز سىزگە كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئېيىتمىسا،بۇ سىزنىڭ ئۆتكەن ئىشلارنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن كونا ھېساپنى ئالىدىغانلىقىڭىزدىندۇر.

 

 

7.ئەگەر بالىڭىز توغرا-خاتانى ئايرىمىسا،بۇ سىزنىڭ مۇتلەق ھاكىمىيەتلىك قىلىپ، بالىڭىزغا ئۆز ئالدىغا پىكىر قىلىدىغان پۇرسەت بەرمىگىنىڭىزدىندۇر.

 


8.ئەگەر بالىڭىز ئۆزىنى تۆۋەن كۆرسە،بۇ سىزنىڭ بالىغا بولغان ئۈمۈدسىزلىكىڭىز ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ئىلھام بەرمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈندۇر.

 


9.ئەگەر بالىڭىز ھەسەتخور،سەزگۈر،ئازار يېيىشتىن قورقىدىغان بولسا،بۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىدە كەڭچىلىك ۋە ئىللىقلىقنىڭ يوقلىقىدىندۇر.

 


10.ئەگەر بالىڭىز ئۆزىنى ياخشى كۆرمىسە،بۇ ئۇنىڭغا بولغان غەمخورلۇق،ئىتراپ قىلىش ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ كەمچىللىكىدىندۇر.

 


11.ئەگەر بالىڭىز ئالغا ئىلگىرلىمىسە،تىرىشمىسا،بۇ سىزنىڭ تەلىپىڭىزنىڭ يۇقىرلىقىدىن ئۇنىڭ قىلالمىغانلىقىدۇر.

 


12.ئەگەر بالىڭىز ئىنتايىن شەخسىيەتچى بولسا،بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، نېمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىشىڭىزدىندۇر.

 


13.ئەگەر بالىڭىز ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىسە،بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا باشقىلارنى چۈشىنىشنى ئۆگەتمىگەنلىكىڭىزدىندۇر.

 


14.ئەگەر بالىڭىزدا بېكىنمىچىلىك، ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىكىسى بولسا،بۇ سىزنىڭ ئۇنى تۆۋەن كۆرىشىڭىز ۋە زەربە بىرىشىڭىزدىندۇر.

 


15.ئەگەر بالىڭىز ھۇرۇن ھەم تايىنىشچان بولسا،بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن قىلىپ بەرگەن ئىشىڭىز ۋە قارارلىرىڭىزنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىدىندۇر.

 


16.ئەگەر بالىڭىز تەرپىدىن كونتىرول قىلىنغان بولسىڭىز،بۇ سىزنىڭ ئۇنى چىڭ تۇتۇشقا پېتىنالمىغانلىقىڭىز،ھەمىشە ئۆتۈنۈش پوزىتسىيسىدە بۇلىدىغانلىقىڭىزدىندۇر.

 


17.ئەگر بالىڭىز يالغانچى،ئالدامچى بولسا،بۇ سىزنىڭ كەڭ قورساق ئەمەس، بالىنى جازالاشقا ئامراقلىقىڭىزدىندۇر.

 


18.ئەگەر بالىڭىز سوغوق مىجەز،باشقىلارغا زەربە بىرىدىغان بولسا،بۇ سىزنىڭ ئۇنى مازاق قىلىشىڭىز ۋە سوغوق مۇئامىلىدە بۇلىشىڭىزدىندۇر.

 


19.ئەگەر بالىڭىزنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشى بولسا،بۇ سىزنىڭ مەسىللەرنى داۋاملىق زورلۇق بىلەن ھەل قىلىشىڭىزدىندۇر.

 

 


شۇڭا،ھەقىقى تەربىيە بىر مەيدان تۈزۈتۈش بۇلىشى كېرەك. ياخشى تەربىيە بولسا بالىدىن ئىبارەت بۇ ئەينەك ئارقىلىق، ئۆزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنى بايقاش، ئۆزىنى تۈزۈتۈش، ئۆزىنى قىدىرىپ چىقىش، شۇنداقلا يېڭى بىر قىياپەت بىلەن بالىغا ئۈلگە بۇلۇش جەريانىدۇر.



خەتكۈچلەر:
17-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek