پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيى سائەت 15:35 ئۆتكەندە جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە خاڭجۇ خۇاڭلوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبى ( بارىنىڭ بۇرۇن توپ تەپكەن كۇلۇبى ) ئۆز مەيدانىدا بار ھازىر توپ تېپىۋاتقان جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىنى كۈتۈۋالدى. بارى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چوڭ تىزىملىككە كىردى. بىراق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىدىن ئاسكۇدرو بىر توپ كىرگۈزدى. خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىدىن ئەنتار بىر توپ كىرگۈزۈپ تەڭلەشتۈردى. شىيې پېڭ فېي بىر توپ كىرگۈزۈپ ئېشىپ كەتتى. ئاخىرىدا خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبى 2-1 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved